باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۆتمە- تۆشۈك مۇھەببەت

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 10:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئايرىلمايلى، دۇنيا تولغۇچە
قۇچاقلايلى بىر- بىرىمزنى.
توپان كەلمەكتە، بىزنىڭ كىمىمىز
بىزنىڭ
ئۆتمە- تۆشۈك مۇھەببىتىمىز.

چېچى ئۆستەڭدىكى يىلان
بىزنىڭ مەختۇمسۇلا، بىزنىڭ
ئەينەكتىكى قاراڭغۇ ئاسمان.

تېنى قەشقەرلىك ئايال داستان
بىزنىڭ نۇزۇكۇم، بىزنىڭ
رەستىدىكى يالىڭاچ ئورمان.

ئەجەلنى قوشاققا قېتىپ يىغلاۋاتقان،
بىزنىڭ ئانىمىز، بىزنىڭ
ئۆلۈكىنى تۆگىگە ئارتىپ
كېتىۋاتقان تەكلىماكان.

ئايال بىزنىڭ ئەر بولغىنىمىز
شېئىر بىزگە قايتىدىغان چۆل.
ھايات بىزگە پاتىدىغان كۈن،
ئۆلۈم بىزدە ئېچىلىدىغان گۈل.
بىردەم توختايلى
تەنبۇر چالغان غىرىب زەخمەككە
نەي ياماشقان يالغۇز تىرەككە.
دۇتار چالغان دەردى- ھېجرانغا
ساتار قىلغان نالە- پىغانغا،
راۋاپ ئوت قويغان ئىگىزئاسمانغا...
بىردەم توختاپ
بولغان چاغدا مۇقام قەلەندەر
ئۆلۈۋىلىشقا كەلگەن بىر توپ ئەر
ئۆرگىلىگەن، چۆرگىلىگەن يەر
ئەينەكلەردىن قاچقان ئاياللار
كىيىملىرى ئەتلەس شاماللار
بەدەنلىرى شاخلاپ، غۇلاچلاپ
بۇزۇۋەتكەن قىرغاقلىرىنى
ئېقىپ كەتكەن، ئاققان ئاھ، تاكى
قۇرۇپ كەتكەن تەكلىماكاندەك...

قۇچاقلاپ تۇرۇپ بىر- بىرىمىزنى
بىردەم يىغلايلى!

2010- يىلى 10- سىنتەبىر. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر