باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يىراقلاردا يامغۇر تامچىلار

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 10:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


1
باغلار كاككۇك، چېچەكلەر دەريا
سۇلار ئاقار مامۇق بەدەندە.
ئۇسۇل ئوينار دەشتى- باياۋان
جەندىسىنى تاشلاپ چىمەندە.
كىرپىكلەردىن ئۇزۇن كېچىگە
كارۋان تارتىپ ماڭدى كۆك ئاسمان.
ھەسرىتىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ
ناخشا ئىيتار غەمكىن بىر جانان.
يىراقلاردا يامغۇر تامچىلار
يالغۇز يۈرەك ئاتنى قامچىلار...

2
ئەينەكلەرنىڭ ئاسمانلىرىدا
چاقنار يارنىڭ ھۆسنى- جامالى.
ئەينەكلەرنىڭ دەريالىرىدا
ئاقار يارنىڭ دەردى- خىيالى.
ئەينەكلەرنىڭ ئېتىزلىقىدا
پورەكلىگەن بىر تال قىزىل گۈل.
ئۈزۈش ئۈچۈن ئاشۇ گۈلنى ئاھ
پارە- پارە سۇندى بىر كۆڭۈل.
يىراقلاردا يامغۇر تامچىلار
يالغۇز يۈرەك ئاتنى قامچىلار...

3
غىرىبلىقى چۆلنىڭ بىر كۆڭۈل
شىلدىرلايدۇ دەردى- بالالار.
ئەجەل كەلگەن ماۋى پەلەكتىن
جاراڭلايدۇ ناخشا- ناۋالار.
تەڭرىگىچە تاكى ئادەمدىن
تۈگىمەيدۇ ئىشقىي- مۇھەببەت.
چاقىرىدۇ يارىنى زار- زار
قەبرىسىدە يالغۇز بىر جەسەد.
يىراقلاردا يامغۇر تامچىلار
يالغۇز يۈرەك ئاتنى قامچىلار...

2010- يىلى 21- ئاۋغۇسىت- خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر