- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۆلىدىغان ئادەممەن
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 10:39 مەنبە: خەلق تورى
مېنى جاھانىڭغا پاتقىلى قوي
ئەسكى سارايىڭدا بىردەم ياتقىلى قوي.
ھەسرەتلىرىمنى باغلاپ، باغلاپ
گۈل بازارىدا ساتقىلى قوي...
كۆزۈم يار شولىسىنى ئاسمانلارغا تېگىشمەس
يۈزۈم يار جىلۋىسىنى رەيھانلارغا تېگىشمەس
ئەييۇھانناس!... سېسىپ كەتكەن جېنىمنى
ھىچكىم ئۆلمەيدىغان داستانلارغا تېگىشمەس...
نىتەي، ئۆلىدىغان ئادەممەن،
يار قېشىغا ماڭدىم دەپ
كۈلىدىغان ئادەممەن.
ئارقامدىن ئەگەشكەن ئىزلىرىمنى
قەبرەمنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ،
ئۆزۈم تىخىمۇ چوڭقۇر
تىخىمۇ زۇلمەتلىك ئىز بولۇپ
پايانسىز يوقلۇققا چۆكىدىغان ئادەممەن...
كىپىنەك توننى كېيىپ
گۈلخاندا يېتىپ،
يا بىلەن ئوقنى ئېلىپ
دۈشمەننى ئېتىپ
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا
يارغا يارايدىغان ئادەممەن...
قۇمنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ
ئۆلگەن ئادەمدەك مىڭ ياشقا كىرىپ
توغراقتىن ساپايىنى
بوراندىن داپنى ئېلىپ
چېلىپ
ئەجەل ئاستانىسىدا ئەشەددىي مۇقاملارغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئادەممەن!...
...
مېنى قات- قېتىغا يوشۇرغان گۈل غۇنچىسىنى
يىغلاپ ئېچىلدۇرىدىغان بۇلبۇللار،
مېنى باغلايدىغان ئۇزۇن چاچلارنى
ئۆستەڭگە تاشلاپ ئوينايدىغان سۇمبۇللار،
ۋەتەن دېگەن سۆزنىڭ قارنىنى يېرىپ
جەسىتىمنى ئېلىپ چىقىدىغان خىياللار،
مېنى سۆيگۈ دېگەن ھارۋىغا قېتىپ
دوزاخقا ئوتۇن توشۇيدىغان ئاياللار
ئىككى ئالەمنىڭ ئارىسىدىكى ئۇزاق يولدا
كېتىۋتقاندا
ئىيىتقان ناخشامنى ئاڭلامسىلەر:
ئايارەي
يارسىز مىڭ يىل ياشىسام
ئۆتكەن كۈنۈم بىر كۈنچە يوق.
ئىشىق ئوتىنىڭ ئالدىدا
دوزاخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق...
مەن بۇ ناخشىنى بىركىمدىن ئاڭلىغان
ئىككى ئالەمنىڭ ئارىسىدىكى ئۇزاق يولدا
كېتىۋاتقاندا...
كېتىۋاتقاندا...
2010- يىل 14- ئىيۇل. خوتەن
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر