- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھەق دوست، يائاللاھ!...
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 10:38 مەنبە: خەلق تورى
مەندە ياتقان دوزاختا ياتتىم
مەندە ئاققان توپاندا ئاقتىم.
ماۋى ئاسمان كۆنگىرىگە بېشىم قويۇپ
مەشرەپ كەبى ھەقكە ھامان كۈلۈپ باقتىم.
چۆلدە دىلبەر ئوڭدا ياتۇر بارخان- بارخان
جېنىمدا جان جلۋە قىلۇر رەيھان- رەيھان.
غىرىب بېشىم، يالغۇز بېشىم، ساياق بېشىم
ئۇنى ئەجەل ھارۋىسىغا قاتتىم- قاتتىم...
پەرىشتىلەر ئۇخلاپ ياتقان ئايىغىمدا
غىرىب مۇسا ھاسا قىلغان تايىغىمدا
جۇل- جۇل بولغان قەلەندەرلىك بايرىقىمدا
يەتتە ئاسمان ئىشىكىنى قاقتىم- قاقتىم...
ھەق دوست، يائاللاھ
ئېگەم مېنى
ئاپارغاندا ساتقىلى قۇل بازىرىدا
يىغلاپ تۇرار ئۇندا يارىم بىر پۇلى يوق!
2010- يىل 12- ئىيۇل. خوتەن
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر