باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تۈندە يولغا چىققان قۇياش

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 10:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاچ يۈرىمەن ھەمىشە
ھەمىشە
يالىڭاچمەن مۇھەببەتتە قەلەندەر
تېلەيدىغان تېنىمدىكى ئايالنى.
جىنازامغا ئۆزۈم سۆيگەن يار ئۈچۈن
ئارتىدىغان شايى- يىپەك رومالنى...
ئۆلىدىغان ئادەممەن
نۆۋەت بىلەن دوزاخقا ۋە جەننەتكە
كىرىدىغان ئادەممەن...
ئالقىنىمدا ئاخىرەت
بارمىقىمدا قاتار- قاتار ئاسمانلار
ئۆلۈمدىن ئۆلۈمگە
يولنى يىقىن قىلىدىغان جانانلار...
كېچە چىقىپ قەلبىمدىن
قاراڭغۇدا
كېتىۋاتسام جىنلارنى دەسسەپ
چىرقىرىغان لەززەتلەرنى ئاڭلايمەن.
چاچلارغا قاپقارا تۈنلەرنى يۆگەپ
قىزغىن قىزلارنى كۈيلەيمەن.
ئاياللارنى
كوچىدىكى شادىمان ئاياللارنى
ئەرلەرگە قەستەن سۈركىلىدىغان
سۈركۈلۈشتىن ئوت ياندۇرىدىغان
قاقاس چۆللەرنى قاندۇرىدىغان
تەگسىز ھاڭلارنى تولدۇرىدىغان
ئەرلەرنى ئاشۇ قانغان چۆلدە
ئاشۇ تولغان ھاڭدا تاشلىۋىتىپ
ھىچ ئىش بولمىغاندەك كېتىپ قالىدىغان شادىمان ئاياللارنى كۈيلەيمەن.
تىلىمنى كېسىۋىتىشتىن بۇرۇن
كۆزۈمدىن ئويۇۋىتىشتىن بۇرۇن
كارنىيىمنى بوغۇزلىۋىتىشتىن بۇرۇن
ھىچنىمە دېمەسلىككە
ھىچنىمىگە قارىماسلىققا
ھەتتا ياشىماسلىققا ۋەدە بېرىمەن.
جانانلارنىڭ ئالدىدا
كىيىملىرىمنى سېلىۋىتىشىم كېرەك،
كۆكسۈمگە قولۇمنى سېلىپ
يۈرىكىمنى ئېلىۋىتىشىم كېرەك،
يۈرىكىمنى
خۇددى ياشلىقتا تۇنجى يازغان سالام خەتتەك
يىغلاپ تۇرۇپ يىرتىۋىتىشىم كېرەك...
مېنىڭ ئەخلەت ناخشىلىرىم
مېنىڭ مەينەت كۆز ياشلىرىم
مېنىڭ پاسكىنا ئازابلىرىم
مېنىڭ
مېنى قىزىل، سىرىق، قارا، بىنەپشە... رەڭلەرنىڭ
ئەگرى- بۈگرى ۋە قاراڭغۇ كوچىلىرىدا ماڭدۇرۇپ
ئاقنىڭ ئاق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۈيۈك مەنزىلىگە يەتكۈزىدىغان ئەدىبىياتىم!
ئاھ
سۇچى خوتەن
قويچى قەشقىرىم!
خۇداغا ئارقىسىنى قىلىپ
ئۆلۈكىنى تۆگىگە ئارتىپ
جەننەتكە ماڭغان مىللىتىم!...
قەدىمقى زاماندا خۇدا مۇنداق دېگەن:
... ئادەم ياراتتۇق!
قەدىمقى زاماندا خۇدا يەنە مۇنداق دېگەن
...دوزاخ ياراتتۇق
... جەننەت ياراتتۇق!...
تۈندە يولغا چىققان قۇياش سەھەردە مەنزىلىگە يەتتى
ئۇ كۆردىكى
جاھان يوپيورۇق ئىدى...

2010- يىلى 20- ئىيۇن. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر