باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يەكەندىكى ئايال داستان

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


يەكەندە بىر ئايالنىڭ سەككىز ئايمىقى
قولىدىكى جامدا ئۆلۈمنىڭ قايمىقى
جاراڭ- جۇرۇڭ ئىشانلىرى بار
لەۋلىرىنىڭ خانىقاسىدا...

كۆزىدىكى جام بىلەن
يۈزىدىكى ئايدىڭدا ئىچتۇق مۇسەللەس
بولدۇق مەست- ئەلەس

تېنىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئايۋاندا
ياڭرايدۇ نەغمە- ناۋا.
ئىككى پۇتى ئىككى ياققا ماڭغاندا
ئارىدىكى دەشتى- باياۋاندا
ئاھ
كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئەتىرگۈل ئولتۇرۇر،
ئۇنىڭ دۇئا- تىلاۋەتلىرىنى
تەڭرى بىلەر، ياكى بىلمەس...

بىز باشقا تامدىن ئارتىلدۇق
ئۆلۈۋىلىشقا كەلگەن بۇ ئايال،
شېئىر بولسا ئىدى، كاشكى
شېئىر بولسا
خوتەن سەھرالىرىدىكى لەيلى غەزەل
قەشقەر كوچىلىرىدىكى مەجنۇن مۇخەممەس...
ئىلاھا،
ئۆلۈمدىن بىر ۋاراق بەر
ئۇ جەننىتى شەيتاننى
ئۇ دوزىخى رىزۋاننى
داستان قىلايلى!
داستان قىلايلى!!!...

2010- يىلى 5- ماي. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر