باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يورۇق پەسىللىرىڭنى باشلاپ كەل

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يورۇق پەسىللىرىڭنى باشلاپ كەل
قاراڭغۇ قۇشلىرىڭنى باشلاپ كەل
ئۈرۈك چىچەكلىرىدىن تۈزۈپ ناز
مۇقام مەرغۇللىرىدىن قۇيۇنتاز
توغراق شاخلىرىدىن باياۋان
بوم پەدىدىن داپ
نەيدىن تىرەكلەرگە يامىشىپ
سۇنايدىن يالىڭاچ
ساتاردىن يالاڭئاياغ
تەنبۇردىن مىڭ قەلەندەرنى
راۋاپتىن ساراڭ جىنلارنى
ئاھ!...
ئۆلۈم ھارۋىسىنى ھەيدەپ
ھارۋىدىكى ئىشق- مۇھەببەتتە
دوزاققا ئوت قالىغىلى بارايلى...

2010- يىلى 9- ئاپرىل. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر