باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بىر نان ئۈچۈن

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كىمنىڭ ئىشىكىدە تامچىلايدۇ
بۇ يۈرەك بىر نان ئۈچۈن، بىر نان ئۈچۈن؟
ئۆلۈم بەرھەق ئىدى پۈتسە رېسىق
ئەسلى تىرىك يۈرگەن ھەر جان ئۈچۈن.
ياكى مۇھەببەتتىن يا نەپرەتتىن
نە قالدى جان بەرمەككە ئوغلان ئۈچۈن؟!

بىر كوچا بىر كوچىدا يۈرەر يىغلاپ
چاچلىرى بەلگە چۈشتى مەجنۇنتالنىڭ.
بىنالار ئارقىسىغا پاتتى قۇياش
ئوتلۇق سۆيگۈسىدە بىر ئايالنىڭ.
قەلبىم تىۋىشلارغا سالار قۇلاق
ئاتلار كىشنەر كۆكتە ئاھ، ئىنتىزار.
تارقىلار قەبرىلەردىن تونۇش سادا
شاۋقۇنلار يەر تەكتىدە ئالتۇن قانلار.
قىلىچلار يالتىرايدۇ سوڭەكلەردە
كۆيىدۇ يۈرەك بۈيۈك ئارمان ئۈچۈن.
بىر شاھمەن، يېنىمدا يوق پۇچۇق تىللا
تاج- تەختىم بىر نان ئۈچۈن، بىر نان ئۈچۈن...

ئاخىرى بىر نان ئۈچۈن ئىنقىلابلار
سۆيگۈ ھەم بىر نان ئۈچۈن يىلىنجايدۇ.
ئاچ قالغان ئادەم ئۈچۈن ناندۇر ۋەتەن
لىكىن ئۇ بازارلاردا سېتىلمايدۇ.
بىر تال نان، بىرلا ناندۇر قۇياشمۇ ھەم
يېگىلى بولماس بىراق قالغاندا ئاچ.
ئاچ قالغان ئادەم ئۈچۈن ئۇلۇغ ئارزۇ
غايە ۋە ئارمانلاردا بار نە ئىلاج؟!...

ئاشىقلار چۆل كەزگەندەك جانان ئۈچۈن
كېزىمەن ھاياتلىقنى بىر نان ئۈچۈن.

2009- يىل 24- ئاپرىل. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر