باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئىككى جىننىڭ ھېكايىسى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ساراسىمىگە تولغان بىر زاۋال پەيتىدە
باشلاندى ئىككى جىننىڭ ھېكايىسى

1
كىم بىلمەيدۇ ئىگىك باشلاردىكى يوشۇرۇن خادا تاشلارنى؟
يۈرەكلەردىن تامچىلاۋاتقان قاپقاراڭغۇ ئەما ياشلارنى؟
كىم بىلمەيدۇ
ئىتىقادنىڭ روھتىكى گۈلشەن ئىكەنلىكىنى، ئارزۇ- ئارمانلارنىڭ خاتىرجەم ھاياتقا دۈشمەن ئىكەنلىكىنى؟!...
بۈيۈك كارۋاندىن خەۋەر يوق
ئەي سۇندۇكلارنىڭ يامغۇرلىقىدەك ئاپئاق ئېچىلغان مامكاپ گۈللىرى
سۇغا مەپتۇن بولغان مەجنۇنتاللارنىڭ ئاشىقانە پەريادلىرى
مەندىن بىر ئاسمان كۈتكەن قايغۇ بۇلۇتلىرى كەبى
باغرىنى ئاچقان خۇشال كىشىلەر
ھايات توختايدۇ.
ئۆلۈم-
بىز ئىزدەۋاتقان روھتىكى پىنھان گۆھەرگە ئوخشايدۇ.
كىم
ئايەتلەردە يىمىرىلمەس تاملارنى سوقۇپ،
قانلار بىلەن ئەلەملەرنى رەڭداش قىلدى؟
داپ ھالقىسىدىن ئەسەبى زامانلارنى ئۆتكۈزۈپ،
ئۇستىخان- سوڭەكلەر بىلەن سەلتەنەتلەرنى بىتەڭداش قىلدى؟
كىم
قۇمنىڭ ھەر دانىسىگە، كۆڭۈلنىڭ پۇچۇق پىيالىسىگە
تۇپراقنىڭ ھەر نالىسىگە، تەننىڭ قاپقاراڭغۇ خانىسىگە
ئوتنىڭ ھەر نارىسىگە، جاننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان دۇردانىسىگە
سۇنىڭ پىشانىسىگە، يۈرەكنىڭ پارىسىگە
ئەبەدىلىك ئىنتىزارلىقنىڭ تەشنالىقىنى توشقۇزدى؟
كىم تاشلىۋەتتى ئەخلەت كەبى كوچىلارغا قەلبىدىكى ئازابنى،
كىم قۇدۇقتىكى يۈسۈپنى قۇتقۇزدى؟!...
ماڭا تاللاش يوق، تاللانغانمەن ئىشىققا،
ماڭا ئەبەدىلىك دەردنى بەرگەنكى
زىنھار بەرمىگەن ئۇندىن ئارتۇق خىزمەتنى.
ئۆلۈمگە ھەۋەس قىلىمەن، شۇنچە ئەسەبىي
ئۇندىن تاشقىرى ھىس قىلالمايمەن ھىچبىر مۇھەببەتنى...
دائىم ئۆزۈمدىن قوغلىنىمەن
كۆڭلۈم ئايۋانلىرىدا مەشرەپ ئويناۋاتقان ئوغرى- قاراقچىلار
ئۇخلىمىغۇچە شېئىرلاردا يۈرىمەن...

2

بۈگۈن مېنىڭ باشقا قۇياشىم يوق
بۈگۈن ئۆلۈمنىڭ ھەممە ئىشىكلىرى ئوچۇق
كىندىكىمدىن كۆكرىكىمگىچە سوزۇلغان ئەرش ئوردىسىنىڭ پەلەمپەيلىرى
چاچلىرىمنىڭ زۇلمىتىدە چاقماق چېقىۋاتقان يوچۇن بىرتەقدىرنىڭ گۈلدۈرمامىسى
جان-
مەن كېچەلمەيۋاتقان ھىجران.
كۆز يېشى بارلىق گۈللەردىن گۈزەل
شېئىر يېزىش- ياشاشتىن ئاسان.
ھەممە جايدا مۇھەببەتنىڭ خۇپىيانە قاتىللىقى
ھەر بىر ئايال ئۈچۈن بولىمەن قۇربان...
مەيدە تۈكلىرىم قىرىمايدۇ
پىچاقچى قانلار ئورنىدىن تۇرۇۋالغان،
ئىچىم توشۇپ كەتكەن ئۆلۈم بىلەن لىپمۇ- لىق
تىرىك يۈرگىنىم يالغان...
مېنىڭ بۇ ھالىتىم چۆلدىن كەلگەن
بوران بارماقلىرىدا تارىنىپ
تۆگە تاپىنىدىكى كۆلدە يۇيۇنغان...
بەرھەق،
مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەر كەبى
مەن كىرمىگەن تۈرمىلەر قالمىدى
ئەۋرەزلەردە چاقناپ قالىمەن.
دىلبەر كۆزىدىكى ئويچان بۇلاقلار
چاڭقاقلىقىمنى قاندۇرالمايدۇ
تىخىمۇ چوڭقۇر قۇرۇپ كېتىمەن.
بىر ئايال كەلدى
دېدى ئاۋال: سېنى سۆيىمەن،
ئاندىن
يۈرىكىمگە پىچاق سالدى...
ئاستا- ئاستا
قەلبىم ئاپئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ
يىرتىۋىتىمەن
يىرتىۋىتىمەن...


2009- يىل 24- فىۋرال. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر