باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يوقالغان بۈگۈنكى زامان

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بۇلبۇللارغا شادىيانە ناخشىلارنى ئېيىتقۇزماسلىق كېرەك
چۈشىنىشى كېرەك؛
ئېچىلىش- گۈللەردىكى توزۇش ئالدىدا تۇرغان مۇتلەق كېلىچەك.
ئېگىز تاملار، تىكەنلىك سىم تورلار
تۈرمىلەردىكى غەم- غۇسسىسىز ھايات...
چۈشىنىشى كېرەك؛
بازغان كۆتۈرۈلدى، ئاڭغىچە
سېغىنىش ئازابىدا قىينالدى سەندەل،
قىينالدى تاڭغىچە...

مەسجىدلەر ئۇلۇغۋار، مەيخانىلار شادىمان
پەرشتىلەر قاناتلىق، ئادەملەر قاناتسىز
كىچىك بالىلار كىيمەيدۇ ئىشتان.
كۆزلەر غىرىب- غۇرۋا
سوڭەكلەردە سۇنۇپ ھارۋا
ئىسسىق گۆشلەر ئارىسىدا يۈرەر كارۋان.
ئەۋلىيالارنىڭ باش تىققۇدەك يېرى يوق
تېلەر ئالەمگە نۇسرەت ھەر زامان...
چۈشىنىشى كېرەك؛
ھەر كىم ئۆلۈپ كېتىشكە ئاز قالغان...
چۈشىنىشى كېرەك؛
تاكى ھەر بىر تىنىقىدىن ئۆلۈمنىڭ قەدەم تىۋىشى يوقالمىغۇچە
ياشايدۇ يالغان!

پاكىزە كۆڭۈلنى بەرمەسلىك كېرەك،
قوغداش كېرەك قەلىبتىكى ھىچكىم ئاياغ باسمىغان يەرلەرنى .
ئىككى ئىت سوڭەك تالاشقاندەك تالىشىش كېرەك
ئىككى ئەر قىز تالاشقاندەك تالىشىش كېرەك
تالىشىش كېرەك
يىتىمنىڭ قولىدىكى بىر بۇردا ناننى تالاشقاندەك ئىككى پادىشاھ...

بۇ غايىب بولغان بۈگـۈنكى زامان
ئاتلارنىڭ كىشنىشى يوق، ماشىنىلارنىڭ تاراق- تۇرۇق ئاۋازى
تۇپراق تىنىقتىن قالغان، ئادەملەردە يارنىڭ ئۆلگەن ئازابى
قۇمدىن قوپقان، قىلىچتىن ئۆتكەن
شەھەردىكى قىزىل مىڭ ئۆيلەردىكى تاپاننىڭ ماتكىسى...

سەكراتتىكى ئادەم ئۆزىگە كەڭرى گۆر تىلىگەندەك تىلەش كېرەك
تىلەش كېرەك!

2008- يىلى 30- ئىيۇل. خوتەن


مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر