نىمانچە شوخ گۈلدىكى قىلىق؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 09:44 مەنبە: خەلق تورى
نىمانچە قىزىل،
نىمانچە شوخ گۈلدىكى قىلىق؟
گويا
تەڭ يىقىلغاندەك تۈمەنمىڭ ئىنسان
تەڭلا ئېتىلىپ تۈمەنىڭ مىلتىق .
چېچىلىپ قان
چىقىپ جان
پەلەككە يېتىپ نالە ۋە پىغان
قاپلىغاندەك ئارقىدىنلا چەكسىز جىمجىتلىق!...
نىمانچە قىزىل
ئاسماندىكى ناخشا ئىيتىۋاتقان قۇياش؟!
2008- يىل 2- ئىيۇن. خوتەن
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر