باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

غوجىمۇھەممەدكە

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئادەم بولۇپ يارالغاچقىلا
ياشاپ كەلدى ئادەملەر ئارا.
سۆيگۈ ئۈچۈن توقۇدى داستان
باھار رەڭلىك جىنازىسىدا.

شائىر بولۇپ يارالغاچقىلا
شېئىر يازدى ئۆلۈپ ئولتۇرۇپ.
چىڭ قۇچاقلاپ جەسىتىنى، ئاھ
يىغلىدى ئۇ كۈلۈپ ئولتۇرۇپ.

ئۇ ھىچكىمگە ھىچنىمە دېمەي
دەرۋازىسى چېقىۋىلدى.
ئۈچ كۈنگىچە ھىچنىمە يېمەي
پۇت- قوللىرى كېسىۋىتىلدى.
ھارۋىكەشنىڭ سۇمبۇل قامچىسى
قامچىلىدى تارام ئاھ، تارام.
كىپىنەكنىڭ گۈزەل ئۆلۈمى
ھاياتىنى قاپلىدى تامام.
موزاي كىرپىك، تەخەي سۇباتلىق
چۈمۈلە بەل، چىۋىن قاناتلىق
ئۆمۈچۈك قىز كىردى ئۇياتلىق
چۈشلىرىنى قىلدى سەرگەردان...

ئۇ ئۆيىدىن ھىچيەرگە بارماي
قۇرۇپ كەتتى چۆلنىڭ بايانى.
كېزىپ چىقتى ئۆزىنى ھارماي
كۆرۈنمىدى لىكىن پايانى.
تاغلار ئۇنىڭ كىردى قەددىگە،
كىرپىكىگە قوندى باياۋان.
قەلەندەرلەر ساپايە چالدى
ئىشىكىدە زارۇ- زار، ۋەيران.
مەڭگۈ كىيىم كىيمەيدىغان گۈل
مەڭگۈ كىيىم سالمايدىغان قىز
مەڭگۈ ئۆلۈپ كەتمەيدىغان ئاي
مەڭگۈ ئۆچۈپ كەتمەيدىغان ئىز...
ئۇنى يالاپ ئاپاردى بۈگۈن
قەلبىدىكى دارنىڭ ئالدىغا.
سۇندۇرۇپ دار تۈۋرۈكلىرىنى
يۈگۈردى ئۇ يارنىڭ ئالدىغا.
يار ئۆلدى!
توۋلىدى ئاھ، ھەسرەتلىك بىر كۈي،
يىقىلدى ئۇ تارنىڭ ئالدىغا...

ئۇ بىر ئەبلەخ، بىلمەس ياشاشنى،
ئوتتۇز يىلدا ئۈگەندى ئاران
ئىچ- ئىچىدىن مۇڭلۇق يىغلاشنى.

ئۇ بىر ئەبلەخ، بىلمەس سۆيۈشنى،
ئوتتۇز يىلدا ئۈگەندى ئاران
سۆيگۈ ئۈچۈن قانداق ئۆلۈشنى.

ئۇ بىر ئەبلەخ، بىلمەس كۆڭۈلنى،
ئوتتۇز يىلدا ئۈگەندى ئاران
تەسۋىرلەشنى توزۇغان گۈلنى.

ئۇ بىر ئەبلەخ!...

2008- يىل 5- مارت. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر