باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

زەپ چىرايلىق كەلدى باھار

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


تاللار نازۇك چوكان بولدى
قارلىغاچلار پوكان بولدى.
يىگىتلەر شاش، ئايىغى تاش
بېشى ئىگىز ئاسمان بولدى.
قىزلار شامال، تۈكلۈك خىيال...
باغرى ئىسسق ئايۋان بولدى.
كېلىپ كەتتى خوش مۇبارەك
ئاي ۋە قۇياش كارۋان بولدى.

دەل- دەرەخلەر ئاستى چىچەك
كوچىلاردا كۈلدى تىزەك.
سۇلار ئاقتى سۇغا قاراپ
گۈللەر خۇشال ئىچتى شاراب.
ئاستى تۇپراق، ئۈستى ئاسمان
بېشى قايغان، پۇتى تايغان
ئۇزاق قىشتا ئۇخلاپ ھارغان
قۇرت- قوڭغۇزلار خۇش- شادىمان
مۇھەببەتكە راۋان بولدى.


جاننى قانغا پۇچىلىدى
توپىلاردا يۇمۇلىدى،
تەندە تىترەك نازۇك، يىشىل
جاندا چىچەك چوغدەك قىزىل،
گۈل ھارۋىسى بوستان كىرپىك
ئوتتەك خۇشال، سۇدەك سۈزۈك،
دىلدا تىۋىش، ئوغرى خىيال
ئالەم گويا تونۇش ئايال...
كۆڭۈللەرگە مىھمان بولدى.

تاغنى ئىگىز قىلىپ ئاندىن
تاشنى ئىزىز قىلغان كىمكىن؟
جان رىشتىدىن تارنى ئېشىپ
نالە- مۇقام چالغان كىمكىن؟
بىر كىشىدە مىڭ كىشى بار، مىڭ كىشىدە بىر كىشى يوق،
ھەسرىتى بار مىڭ كىشىنىڭ، ھىچكىشىنىڭ كۆز يېشى يوق...
كېچىلەردە ناخشا ئىيتىپ
ئۆتۈپ كەتكەن كارۋان كىمكىن؟
بىرسى كەتسە بىرسى كىلەر
راستى كىمكىن، يالغان كىمكىن؟!...
كۆڭلۈم مېنىڭ ھەيران بولدى.

2008- يىل18- فىۋرال. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر