كېچىدە تەكلىماكاندىن ئۆتۈش
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 09:40 مەنبە: خەلق تورى
1
ئۆلۈم-
ئۆلگەن،
ھايات-
كۆمۈلگەن،
چۆل...
2
يۇلتۇزلار
ئاينىڭ بالىسى
3
بارخانلار
قاتار- قاتار ياتقان تۆگىلەر
4
ئاي نۇرىدا كەتتى پارقىراپ
ئاپئاق ئۇستىخان؛
ساۋۇت كىيگەن
قىلىچ ئاسقان.
5
توغراقلار
قوللىرىنى پۇلاڭلاتتى
ھىچكىم كۆرمىدى
6
ئۇيقۇ تۇتتى
كۆزلىرىمنى يۇمدۇم.
كىرپىكلىرىم ئارىسىدىن
جىرىڭلىتىپ قوڭغۇرىقىنى
ئۆتتى كارۋانلار.
2006- يىلى ئاۋغۇسىت. خوتەن
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر