باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سالدىم ھېكمەت چاپىنىنى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ئاشىق قەلەندەر
مەشۇق باياۋان.
يىرتار كىيىمنى
تەلۋە ھاياجان.
مۇقام دىۋانە
يوق بىر پىيالە
ئىچكىلى شاراب.
كۆڭۈل كاپىر
يوقتۇر ئىلاھى
قىلغىلى تاۋاب.

ئاۋال مۇھەببەت
ئاندىن ئىبادەت.
ئاۋال رىيازەت
ئاندىن ھىدايەت.
ئاۋال جىنايەت
ئاندىن سىياسەت.
ئاۋال بۇ دۇنيا
ئاندىن قىيامەت.

گۈل ئۆلمەيدۇ
ئۇخلاپ قالىدۇ.
ناخشا تۈگىمەيدۇ
توختاپ قالىدۇ.
ئۆلىدۇ پەقەت
ئادەم ئۆلىدۇ.
تۈگەيدۇ ھايات
دۇنيا قالىدۇ.

ئەقىل زۇلۇمدۇر
سالاي چاپاننى.
ھېكمەت ئۆلۈمدۇر
تاپاي جاھاننى.
كەل ئەي سازىڭ چال
مەستانە ئايال،
ۋەتەن بول، ساڭا
ئاستانە بولاي.
بوينۇڭدا تال- تال
مارجانە بولاي
چۆلۈڭدە زار- زار
دىۋانە بولاي...
يىگانە ئەردۇر،
ھايۋان يىگانە.
يىگانە ئايال،
شەيتان يىگانە.
قوشۇلغىن ماڭا
مەستانە ئايال،
سۆيگۈڭ ئىچىدە
نۇرانە بولاي.

2006- يىل ئىيۇن. گۇما

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر