باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

قوشتاغدىكى شەنبە بازار

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


سان- ساناقسىز ھارۋىلار كىردى
چاڭ- توزانلار كۆتۈرۈلدى
قىقاس- چۇقان پەلەككە يەتتى
شۇنداق دەھشەت جەڭ بولدى...
كىم بىلەن كىم سوقۇشتى؟
ھىچكىم بىلمىدى.
سوقۇشمىغان ئادەم قالمىدى
ھىچكىم ئۆلمىدى.

ئىككى يىگىت ئۈستېبىشى قان
قان ئىچىدە ئەركەكلەر چەندان.
مۇشىتلىشىپ كەتتى تەلپەك كىيگەنلەر
تەلپەكلىرى دومىلاپ يەردە
ئەسكە سالدى ئۈزۈلگەن باشنى،
كۈلدى قىزىل ساقاللىق خاقان.

ئوقۇۋىتىپ مەدداھ جەڭنامە
كەربالاغا كەلگەندە
چۆمدى بازار چوڭقۇر ماتەمگە.
بىردىن
قاقاقلاپ كۈلۈپ غالجىر ئەتىرگۈل
سېلىۋەتتى كىيىملىرىنى
كىردى يەنە ئۆلۈم ئايەمگە.

بازاردا ھېجران
شادلىق كىيىم، دەرد ئاڭا پىنھان

ئوتۇغات تاقاپ خانىش ئايجامال*
ئىزدەپ يۈرەر پادىشاسىنى.
قىمار ئوينار بىليارتخانىدا
ئاھ خەلقىم دەپ ئۇيغۇر شائىرى.

بىر باتۇرنىڭ ئەرۋاھى
كېزىپ يۈرەر كۆرۈنمەي كۆزگە.
بىر ئۆلۈمنىڭ ئىزاھى
قېچىپ يۈرەر كىرمەي ھىچ سۆزگە،
قوشتاغدىكى شەنبە بازاردا.
_______________________________
* ئايجامال- قوشتاغ ساراڭلىرىنىڭ بىرى

2004- يىل ئىيۇن. قوشتاغ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر