باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يالغان راست، راست يالغان

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يىرتىمەن، دېڭىزدەك قانىغان كۆڭلۈم،
يىرتىمەن، چۆللەردەك تۈك باسقان تېنىم.
يىرتىمەن شېئىرلىرىمنى، جۇل- جۇل كىيىملىك
ساپايە چېلىۋاتقان قەلەندەر دىلىم.
گۈلخانلار ئوچاقتىن قاچىدۇ ھىلى
سۇلارنىڭ توختىماي قاچقىنى قاچقان.
تاغلار ئورنىدىن تۇرغىلى نەۋاخ،
چېچىنى تارايدۇ بۆرىسىز ئورمان.
كۆڭلۈمدە چېقىلغان ئەينەك شەھەر
قەلبىمدە يىرتىلغان تالاي سالام خەت
ئەزەلدىن ئاچ- يالىڭاچ ماكانسىز سەنئەت
قۇشنىڭ دەردلىك ئۈنى- ئۇ نادىر زۇۋان.
ئەزان ئۈنى كېلەر شەبنەمدىن
يۇيۇنىدۇ ئۆستەڭدە پىغان.
تەن ئىشىكىنى ئېچىۋەتكەن
كىرىپ- چىقىپ تۇرىدۇ جان.
قان تۆكۈشتىن قالغان ھېسسىيات
كۆندۈرۈلگەن تەلۋە ھايۋان.
توپ- توپ بولۇپ ئۆلمەكتە كىپىنەكلەر بازاردا
چىۋىنلەرنىڭ قىساسى ھەممە يەرنى قاپلىغان.
ھىلال ئەمەس ئايپالتا، يۇلتۇز ئەمەس ئوت ئوقيا
قۇياش ئەمەس نان، ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان.
چاپالماس ئەبەدىي رەسىمدىكى ئات
ئېچىلماس مەڭگۈ چۈشتىكى رەيھان.
ئۆلۈم ئۈچ بۇرجەك
تۈمۈر قان، شۈك ئەمگەك، تۆت چاسا نان.
قىزىل تاكسى بۇزۇق قىز، تىراكتۇرلار ھاشاردا
يىرتىق ئىشتان ھاياجان
روھ تۇپراق، تەن ئاسمان.
گۈللەر ئۆزىنى ساتار ئەرزان
ئازابنىڭ ماركىسى يالغان
رەستىدە ئىشتىنىنى سالار ھاياجان
يەنىلا
ھەر بىر كۆڭۈلگە مۇھەببەت سۇلتان.
شەھەر ھازىر ئايالدا
بولۇپ سۆيگۈ ئۈچ بۇرجەك
قەسەم بېرەر كارۋاتقا.
ئەينەكلەردە رېئاللىق قىپيالىڭاچ، تۈكسىز، ئاق
خۇشالدۇر ئەڭ خۇشالدۇر
تاماكا ھاراق.
رەستىدە ئەر ھۆركىرەر قوللىرىدا موخۇركا
بۇرۇتى غىرىب
ساقىلى سەرسان.
پۇلاڭلاپ تۇرىدۇ ئىشتان بېغىدا
ئالتۇن غىلاپلىق داتلاشقان ھېجران.
كۆتۈرۈپ يۈرەر ئۆز تاۋۇتىنى
ئۆزىنىڭ پايانسىز سۆيگۈسى بىلەن،
راۋان بولار ئۆلۈمگە
قېچىپ چىقىپ شېئىردىن ۋەتەن.
ھەسرەت يالغان، راستتۇر تاماكا،
يالغان راسىت،
راسىت يالغان!

2004- يىل ئىيۇن. قوشتاغ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر