دۇتارچى ئايال
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 09:37 مەنبە: خەلق تورى
بارمىقىڭ چاپتۇرۇپ كېلەر قىقاسلاپ
تارلارنىڭ ئۈستىدە ساناقسىز ئاتنى.
بىر چىنە قىزىق چاي، ھور ئۆرلەپ تۇرغان...
كېلەر ئېھ، گۈپپىدە ئىچكۈم ھاياتنى.
ھىلىقى كوچىغا باشلىدىڭ يەنە
يارىمنىڭ كۆڭلىكى قىپقىزىل ئىدى.
يەشمەكتە بىر- بىرلەپ تۈگمىلىرىمنى
ئاھ، سېنىڭ ناخشاڭنىڭ نازۇك قوللىرى.
ئۆرگىلەي ئاسماندا ئايىڭ بولمىسا،
قايتايمەن تېمىڭنى ئۆرۈپ كېچىدە.
مۇھەببەت دۇنيادا ئەڭ يامان ئوغرى،
تۇتۇلماي كەلگەن ناخشا ئىچىدە.
2004- يىلى ماي. گۇما
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر