باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سۇغا باقما

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ساچىن تاراپ. جىلۋە قىلىپ قاچار پەرى چوڭقۇرلۇققا
سۇغا باقما، قالار ئۆمرۈڭ مۇشەققەتتە، دېلىڭ داغدا.
ئېقىپ كېلەر قىزىل ئالما لەيلەپ- لەيلەپ سىرلىققىنا
قول ئۇزاتساڭ غايىب بولار، سۇغا باقما، سۇغا باقما...

مەجنۇنتاللار مەجنۇنلارچە تاشلار سۇغا شاخلىرىنى
سۇلار كېتەر ئاڭلىماستىن مەجنۇنتالنىڭ ئاھلىرىنى.
تاشلار ئۇسسار، نالە قىلار سۇ تەكتىدە كېچە- كۈندۈز
ئېسىڭ قۇرۇپ قاخشال بولار، سۇغا باقما، سۇغا باقما...

چىن ئاشىقسەن، قەلبىڭ تەنھا، جانان تەنھا، سۇبھان تەنھا
ھىچكىم بىلمەس سۇلارمۇ ھەم تامچە- تامچە ئاقار تەنھا.
ھەممە بارلىق بىر- بىرىگە ئاشىقتۇركى تەنھا- تەنھا
روھىڭ قالار ئوت ئىچىدە، سۇغا باقما، سۇغا باقما...

سۇ ئاقىدۇ ئۇسساپ- ئۇسساپ چېكىپ ئاتەش پىراقىنى
كۆكتە ئاسمان ئاقار تىمتاس سۈرۈپ بۇلۇت قولۋاقىنى
مەن كېلىمەن ئۆستەڭ بويلاپ ئىزدەپ ھايات بۇلاقىنى
نالە قىلىپ ئىيتار كۆڭلۈم: سۇغا باقما، سۇغا باقما...

2004- يىلى مارت. گۇما

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر