باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بالىلىقىمدا...

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


بالىلىقىمدا
ئاسمان بىزنىڭ ئۆگزىدە ئىدى.
تاشلىۋىتىلگەن بوۋاقلار
يۇلتۇزلار نۇرىنى ئىمىپ چوڭ بولاتتى.

ئىشتان سېلىشتىن ماختىناتتىم
قىزلارنىڭ يانچۇغىغا سەۋزە سېلىپ قوياتتىم
ئانامنىڭ ئەسكى دەپ تىللاشلىرىدىن پەخىرلىنەتتىم.
يېزىدىكى ئەسەبى بازاردا
مۇشىتلىشاتتى تەلپەك كىيگەنلەر
قاراپ ئۇلارغا
ھوزۇرلىناتتىم كەمپىت يېگەندەك.
دائىم ئۆرە تۇرۇپ سىيەتتىم
بارلىق ئىشەكلەر مېنى تونۇيىتتى.
دادامنىڭ مېنى ئۇرۇشلىرى
ئويغىتاتتى مەندە نۇرغۇن ئىستەكنى.
ھەۋەس قىلاتتىم
ھىچكىشىنى ئىلماي كۆزىگە
دەلدەڭلەپ يۈرگەن مەسىتلەرگە.
چوڭ بولسام
چوقۇم
مەنمۇ ھاراق ئىچىمەن دەيىتتىم.
ھىچكىم بىلمەيىتتى
مەخپى
ئىنتايىن مەخپى
تۈرمىدىن قېچىش ھەققىدە باش قاتۇراتتىم،
چۈنكى دادام دائىم
يامان ئادەم ھامان تۈرمىگە كىرىدۇ دەيىتتى...

مەن ھازىر ياۋاش پۇقرا،
ئەقلىمگە كەلگەندىن بىرى
ھىچكىم بىلەن مۇشىتلىشىپ باقمىدىم
ئۇرۇپ باقمىدىم
تاياق يەپ باقمىدىم
تۈرمىگە كىرىشتىن ئۆلگىدەك قورقىمەن...
چوڭ بولغاندا بۇنداق ئادەم بولىدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسام
بەلكىم
بالىلىقىمدىلا ئۆلۈۋالغان بولاتتىم
چوقۇم ئۆلۈۋالاتتىم.

ھا، ھا، ھا...

2003- يىل دىكابىر. قوشتاغ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر