باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شىئېر يېزىۋاتىمەن

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ھەۋەس قوللىرىنى سوزدى ماڭا ئايدىڭ كېچىدە
كارۋىتىم غىچىرلاپ- غىچىرلاپ غايىب بولدى ئاينىڭ ئىچىدە
پۇتلىرىمنى سۆرەپ كېلىمەن قۇم ئاستىدىن
ئىغىر نەپەسلىرىمدە تۇنجۇقىمەن.
قىزىل ئات ئۆتۈپ كەتتى قان چاچرىتىپ تۇيغۇمغا
ئاق ئات ۋە قارا ئات چېپىپ كەلگىنىچە مەشرىق- مەغرىبتىن
كىرىپ كەتتى ئىچىمگە.
ئون سەككىز تال قوۋۇرغامنىڭ بىرسىمۇ پىچاق ئەمەس
ئون سەككىز مىڭ ئالەم بىر- بىرىگە يىراق ئەمەس
پەرۋانىنى ئۆلتۈرگىنى چىراق ئەمەس
تۇزچى بوۋاينىڭ توقۇغىنى قوشاق ئەمەس
مەن دائىم قاپىيە قوغلىشىمەن
مەن ھازىر شېئىر يېزىۋاتىمەن
شېئىر يېزىۋاتىمەن
چۈنكى ھازىر ئاستىمدا يەر، ئۈستۈمدە ئاسمان يوق
دىلىمدا ياراتقۇچىغا زەررە گۇمان يوق
تاپىنىم ئاستىدا گۈرۈلدەپ كۆيەر دوزاخ ئوتى
ئالقىنىمدىن ئۇچماقتا قۇشلار
كىرپىكىمدىن كارۋان تارتىپ ئۆتمەكتە چۆللەر
تېنىمدە دەرەخلەر قىپيالىڭاچ شاخلىرىنى دىڭگايىتقان
چېھرىمدە ئاي ئۆلگەن، يۇلتۇزلار يىغلاۋاتقان
خىيالىمدا ساغرىنىڭ ئىزى، لەيلەپ يۈرەر قەغەز ھاياجان
چاترىقىغا بومبا كۆمگەن قورقۇنىچلۇق ئاياللار
باستۇرۇپ كىرگەن كۆڭلۈم قان، قان...
غىچ قىلدى كارىۋات
قىلدى يەنە غىچ- غىچ
بارلىق ئىشىكلەر يېپىلدى.
ياستۇقتىكى ئايالىمنىڭ بېشى
قەبرە تېشىمدەك بىلىندى.
ماڭدىم تىۋىشسىز قورسىقىمدا
ئىسمىنى چاقىردىم پۇتلىرىمدا،
تۇيۇقسىز ئويلىدىم، مەن كىم؟
مەن
تەكلىماكان ياكى تارىمنىڭ قۇرۇش جەريانى
ئۇيغۇر ياكى قارىغۇ قۇياشنىڭ نۇ ھەققىدىكى بايانى
ئۆزۈم يازغان شېئىرلاردىكى ئورنىدىن تۇرۇۋالغان جەسەد
تىرىكلەرنىڭ كۆزىدىكى ئۆلۈك ھەسرەت
ئىگىز پىچاق
ئورۇق ئوق
بۇرۇتلۇق قان!...
... شېئىر يېزىۋاتىمەن...
ئايالىم ئويغاندى، چاقىردى مىېنى:
ئوت كەتتى سۇغا!...

2003- يىلى دېكابىر. قوشتاغ


مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر