باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

دەھشەتلىك خىيال

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دەھشەتلىك خىيالغا كىردىم توساتتىن
ئۆتتى دېرىزەمدىن جەڭ ھارۋىلىرى.
مۇھەببەتتىن تاندى جىنايەت،
بويىۋەتتى رەستىنى قانغا
قىزىل تامدىن چاچرىغان نالەت.
تەننىڭ سۇيۇق ھېكايىسىگە
غەرق بولدى سانسىز غايىب ئوق،
ئەرلەرگە ياشىغۇدەك سەۋەب قالمىدى
باشلاندى سەرسانلىق، جىنايەت دەۋرى.

ئادەم ئادەمگە قۇل ۋە پادىشاھ
ئادەم ئادەمگە ياسار جىنازا.
ئادەم ئادەمگە نۇمۇس، ھاقارەت
ئادەم ئادەمگە يىراق رېۋايەت.
ئاياللار ساتىدۇ، ئەرلەر ساتىدۇ
خۇشاللىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.
مۇھەببەت يۈرۈشلەشكەن يېڭى سانائەت
ئۆلتۈرىدۇ يالغان گۈللەرنى
شېئىرلاردىكى ئەسەبىي قاتىل.
توختىتىپ قويۇلغان كۆڭۈلدىكى دوقمۇشقا
قاندەك قىزىل بۇزۇق ماشىنا.
ئالمىشىپ كېتىدۇ بەزىدە
ئىبادەت، سىياسەت، تىجارەت.
شەھەر سېلىۋەتتى ئىچ كىيىمىنى
سەھرا قايتا كىيدى پىتلىق جۇۋىنى.
بوتۇلكىلارنى سۇندۇردى ھېجران
ئېتىزنى ئاق قويدى ئىسيانكار دېھقان.
چىۋىن چىۋىننى قۇتقۇزدى سۆيۈپ
باتۇر ئۆلۈمنى ئۆلتۈردى ئۆلۈپ.
گۈل ئېچىلىدۇ جۇدالىقتا...
كەتتى بىر دىۋانە چۆلگە يۈگۈرۈپ.

ھايات باشلانمىدى، يىراق ھەم غۇۋا
بوسۇغا ئالدىدا ئاخىرقى زامان.
قوي قوتىنىغا قوچقار پادىشاھ،
بىر يالغان، مىڭ يالغان... بەرىبىر يالغان!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر