- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىر ئەرۋاھى ناخشىسى
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 09:32 مەنبە: خەلق تورى
1
قەبرىلەر ئورنىدىن تۇرىدۇ
ناخشا ئىيتىدۇ.
كېلىپ سۈبھىدە
ئەتىرگۈللەرنىڭ يېشىنى سۈرتىدۇ.
2
تاشلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق،
پۈتكۈل چىۋىن پەقەت بىر چىۋىن.
يىغلىما ئانا،
جان تەندىن چىقتى
ئۆلۈم ئۆلدى!
3
تاش يىغلايدۇ كۆزلىرىنى تاپالماي
ياش يىغلايدۇ نۇمۇسىنى ياپالماي.
تاغلار مەڭگۈ تازىم قىلمايدۇ،
قىساس
يەردىن ئۈنگەن، كۆكتىن تامغان!
4
تەن يىراق،
مۇساپە يوق ئىككى دىل ئارا.
ئاشىق كاپىر،
مەشۇقى خۇدا.
ئىسيان-
تىرىك ئىبادەت!
5
داپنى بوران چالىدۇ،
ساپايىنى توغراق.
ئىيتار ناخشىنى
كۈلۈپ تۇرغان باش سۆڭەكلىرى.
يىغلىما ئانا
تەكلىماكان ئۆلۈپ قالمايدۇ.
6
ناخشا تۈگىمىدى
قەلەم بىھۇش...
2003- يىلى 8- ئاۋغۇست. گۇما
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر