بىر كۈنى
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 09:28 مەنبە: خەلق تورى
بىر كۈنى ئۆيۈمدىن چىقىپ كېتىمەن،
بىر كۈنى تۆت تامدىن بولىمەن ئازاد.
بىر كۈنى قۇياشقا ئارقامنى قىلىپ
قاپقارا سايەمدىن ئالىمەن قىساس.
قەلبىمنىڭ ئەڭ ئىگىز پەلەمپىدىن
چۈشىمەن بىر كۈنى قاتىللىق قىلىپ.
بىر شېئىر يازىمەن، ئوقۇيدۇ دۇنيا
قەبرەمنىڭ ئالدىغا ئۆمۈلەپ كېلىپ.
مەن بۈگۈن ئاچ قالدىم بىچارە ئىتتەك،
ئۇردى ۋە ئۈچ ئادەم قىلىشىپ نۆۋەت.
بىر كۈنى كىتابلىرىمنى بوينۇمغا ئېسىپ
بىر نەچچە شائىرغا بولىمەن ئىبرەت.
2003- يىلى يانۋار. گۇما
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر