باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

مەشرەب چۆلى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


1
يارىم كېلىپتۇ كۆرۈپ كەتكىلى،
ساچىنى چۇۋۇپ، ئۆرۈك كەتكىلى.

جېنىمنى ئويناپ بارماقلىرىدا
بارماقلىرىمدا ئۆلۈپ كەتكىلى.

دوزاخ ئوتىدىن ئالغاچ كېلىپتۇ
ئۆچكەن قېنىمغا كۆمۈپ كەتكىلى.

لەۋلىرى سەرسان، كۆكسىدە ئىسيان
يىغلاپ كېلىپتۇ، كۈلۈپ كەتكىلى.

سۇندۇر قەدەھنى، جىسمىم شارابتۇر،
يارىم كېلىپتۇ چۈمۈپ كەتكىلى.
2
تەرسالىقىمدا ئىتائەت ئۆلمەس،
رەسۋالىقىمدا مۇھەببەت ئۆلمەس.

ئۆلۈم دەشتىگە سالمىسام ئاتنى
ھايات باغچامدا ھالاكەت ئۆلمەس.

مىڭ بىر كېچىگە ياقمىسام چىراغ
جىنلار سۈرى- قاباھەت ئۆلمەس.

رەقىب ياشلىرىدا يۇيۇنمىسام
يۈرىكىمدىكى جاراھەت ئۆلمەس.

قۇتۇلمىغۇچە جان ھىجرانىدىن
روھىمدىكى جىنايەت ئۆلمەس.
3
ئۆزۈمگە بىر ئۆزۈم ھەغدا قەلەندەرمەن،
ساپايەم زارىدىن سەۋدا قەلەندەرمەن.

كېچىپ نىگارىدىن كىم يەتتى ھىجرانغا
ئۇنىڭ ھۈر قان ۋە ياشىدا قەلەندەرمەن.

ۋېسال ئارغامچىسىدا كىم باغلىنىپ يىغلار،
بەخىت ئىچرە جۇداسىدا قەلەندەرمەن.

بىراۋنىڭ تاجى كۈلپەتتۇر بۇ باشىمغا،
شاھانە قۇل ئاراسىدا قەلەندەرمەن.

بىھۇشلۈق چۆلىنى ئىستەيدۇ بۇ كۆڭلۈم،
يېشىلسەم گۈل بازارىدا قەلەندەرمەن.
4
ئېگىلگەن باشقا ئۇرارمەن قىلىچ،
ئىزىلگەن تاشقا ئۇرارمەن قىلىچ.

ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم بىچارىلىكتۇر،
تۆكۈلگەن ياشقا ئۇرارمەن قىلىچ.

رەقىبىم بولسا ئامان قويمىسۇن،
ئۇ بەرگەن ئاشقا ئۇرارمەن قىلىچ.

ئۆتتى پۇشايماندا ھەربىر كېچەم
ئارسىز قۇياشقا ئۇرارمەن قىلىچ.

پەقەت قەيسەرلىكىمدە مەۋجۇدمەن،
تىترەپ ياشاشقا ئۇرارمەن قىلىچ.
5
نەۋائى ھەزرىتىم ياققان چىراغمەن،
شاھ مەشرەب چۆلىدە يالاڭئاياغمەن.

جاھاننى تەلمۈرتۈپ مەيسىز، بادەسىز
ھەييامنىڭ قولىدا سۇنغان ئاياقمەن.

كۆيەرمەن دوزاخ مەندە بولغۇچە ۋەيران،
زىمىننىڭ قەلبىدە يانغان پىراقمەن.

ئېسمىمدىن قان ئاقىدۇ، جىسمىمدىن جان،
تۇلپار ئىزىغا قايىتقان تۇپراقمەن.

كەچۈر ئەي تەڭرىم ئازسا قەلىمىم،
قۇياشقا يىقىن، تاڭدىن يىراقمەن.
6
سەھەر، تاڭ ئېتەكىدە ئىبادەت قىل،
ياقا يىرت، ئىلتىجا ئەيلە، نادامەت قىل.

جېنىڭ تەن سارايىدىن كېتەي دەيدۇ،
ئىشىك ئاچ، ئۇ بىچارەڭگە ئىجازەت قىل.

ئەجەل ھەر لەھزىدە يۈزمىڭ قانات قاقسۇن،
ھاياتنى قەبرىلەر ئىچرە زىيارەت قىل.

يۈزۈڭنى رەستىدە قوي، ئۇ تاماشادۇر،
دەردۇ- غەم، نالىلەر ئىچرە پاراغەت قىل.

كىشىكىم ئىزلىسە ئوتلۇق مۇھەببەتنى
ئۇنىڭغا ئول قىيامەتنى ئىشارەت قىل.
7
يار كېتىپتۇ مەيلىگە مىھمان بولۇپ،
چېچىلىپ كۆڭلى ئۇنىڭ مارجان بولۇپ.

كۆز يېشى تۈندە قىزىل گۈل بەرگىگە
تامچىلاپتۇ يەتتە قات ئاسمان بولۇپ.

ئۆچۈرۈپتۇ ئاھ، ئۈمىدنىڭ شامىنى
قەلبى مۇدھىش قاپقارا زىندان بولۇپ.

زارۇ- زار يىغلاپتۇ ئون ئىككى مۇقام
ئاختۇرۇپ چۆلدە ئۇنى كارۋان بولۇپ.

ئەي غوجى يالغۇزلۇقۇڭ بولدى قىيام،
تاپ ئۇنى سەن كەتكۈچە ھايۋان بولۇپ.
8
ياشىسۇن ھەسرەتلىرى زۇمرەت ئانام،
ھەرتىنىق- نەپسى تىرىك ھىكمەت ئانام.

چاچلىرى تاڭلار تامان مەرغۇللىغان
سۆزلىرى تۈندە يورۇق سۆھبەت ئانام.

بىر گۈلى قالغان، خازان بولغان توققۇز گۈلى
بۇلبۇلى ئاشىققا دار زىنەت ئانام.

ئاھ، دېدى، بەردى مېنى ئالەمگە ئۇ،
سۆيگۈسى ھىجران ئارا قىممەت ئانام.

ياشىسۇن كۆيۈپ تۇرۇپ ئوتتا ئۆزى
تىلىگەن ئەلگە بىھىش- جەننەت ئانام.
9
بىر ئۆمۈر كۈتتۈم نىگارىم كەلمىدى،
قامىتى سەرۋى چىنارىم كەلمىدى.

باغلىرىم بولدى خازان ئاھ- زارىدە،
ياپيىشىل نەۋرۇز- باھارىم كەلمىدى.

گۈل بىلەن ياپراق ئارا قەتلە بايان،
مۇڭ بېرىپ يىغلاپ ساتارىم كەلمىدى.

بولدى جان تەنگە مۇساپىر، ئول ئەجەل
كەلدى ئاھ، لىكىن مازارىم كەلمىدى.

ئىگىسىز ئىتمەن ئىشىق سەھراسىدا،
ئالغىلى باغلاپ نىگارىم كەلمىدى.
10
كەچكۈدەك جانۇ- جاھانىم قالمىدى،
يەتكۈدەك ياكى ۋېسالىم قالمىدى.

سارغىيىپ ئۆچتۈم خازان رۇخسارىدا،
سۈرگۈدەك شىرىن خىيالىم قالمىدى.

ئىككى ئالەم مۈلكىنى يۈردۈم يۈدۈپ،
ساتقۇدەك قايناق بازارىم قالمىدى.

كېچىسى ياتتىم جەسەدنىڭ قەلبىدە
ئۆلگىدەك باشقا ئامالىم قالمىدى.

ئەي غوجى قوپ، ساڭا ئىچ ئاغرىتمىغان
ئادىمى، ھەتتا خۇدايىم قالمىدى.

2002- يىلى. دىكابىر. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر