باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئالمىخان ھەققىدە قوشاق

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قىزىرىپتۇ ئالمىخاننىڭ ئالمىسى،
تەگمىدى ئاتسام يۈرەكنىڭ چالمىسى.
ھاۋ، ھاۋ... قاۋاپ يۈردۈم ۋاپا كوچاسىدا
مەن بولۇپ سۆيگۈ- مۇھەببەت لالمىسى.

ئالما شاخىدا مېنى ئۇردى تازا
ئالمىغا باغلاپ قويۇپ ساچى بىلەن.
لەۋلىرىگە قوندۇرۇپ قىلدى سوراق
گاھ كۆزى گاھى قارا قاشى بىلەن.

ئالمىخان؛ ئىيىت، ئەر بولۇرسەن نە سۈپەت؟
مەن دېدىم؛ قانىم قىزىل، جانىم پىدا.
كەلدىم پىراق سەھراسىدىن يالاڭئاياغ
ئۆرتىنىپ قەلبىمدىكى دوزاخ ئارا.

ئالمىخان؛ نەدە ۋىسالنىڭ كەۋسىرى؟
مەن دېدىم؛ بىر تەندە بار، بىر جاندا بار،.
تەن ئارا جاننىڭ مۇساپىر خارلىقى
ئاھ، ۋېسال ئىچرە جۇدا ھىجراندا بار.

ئالمىخان؛ رەببىڭگە ئىيىتتىڭ نە ئىمان؟
مەن دېدىم؛ شەيتانكەرىشتە مەن ئادا.
يالتىرار ھەر بىر قوۋۇرغامدا پىچاق،
ئۇ ئىمان ئىيىتقاي قىزىل قانىم ئارا.

ئالمىخان قايسى ساڭا بارگاھ، ۋەتەن؟
مەن دېدىم؛ دىل تۇپرىقى، يار قۇچىقى.
بىر جېنىمنى مىڭ قىلىپ كەلدىم بۈگۈن
يا ۋېسالغا يەتكىلى يا ئۆلگىلى.

ئالمىخان؛ يەتكىن مۇراتدقا، بول ئامان،
مەن دېدىم؛ ئەگكىن بېشىڭنى ئالمىخان.

2002- يىلى ئىيۇل. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر