باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئىشىقنامە

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

- «جالالدىن رۇمى» رومانىدىن تەسىرات

سۆيەرمەن، ئۇنى ئۆزۈمدە سۆيەرمەن،
بار ئۇ ھەر تىنىقىمدا، جان مېنى تەرك ئەتمە.
ئىزدەرمەن، ھەر نەپەس ئۇندىن جۇدامەن،
ۋېسال ئىستەرمەن، ھېجران مېنى تەرك ئەتمە.
يەردە تۇپراق ئۇ، كۆكتە ئاسمان،
يەر مېنىڭ تاپىنىمدا تۇر، ئاسمان مېنى تەرك ئەتمە.
كۆرەرەمەن، ھەر ئادەمدە بولۇر ئۇ ئايان،
مۇھەببەت ئەينىكى- ئىنسان مېنى تەرك ئەتمە.
كىرەي ۋۇجۇدۇمغا، ئۇ ھەم ئۇندىدۇر
تەن ئىشتىياقى- ھايۋان مېنى تەرك ئەتمە.
بۇزۇپ قىرغاقلىرىمنى ئاقاي ئاڭا،
ئۇ ھەم سەندىدۇر، سۇبھان مېنى تەرك ئەتمە...
يوقالدى دىلدىكى مۇقەددەس گۇمان
چېكىگە يىتەلمەس ھېچبىر ھاياجان
ئەي ئۆزىدىن ئۆزىگە قاراپ ماڭغان
دەقىقىلەردىكى مەڭگۈلۈك كارۋان
مېنى تەرك ئەتمە!
2
گۈل ئېچىلدى، تاڭدا ئۇخلار بۇلبۇلى
تال يېشىندى، سۇدا ئوينار سۇمبۇلى.
ئەر بالاغەت دەشتىدە پىيادىدۇر،
ئىنتىزار، باغلاقتا كىشنەر دۇلدۇلى.
كۈلپەت مەشرەپ ئوينار ئەس- يادىمدا
ياڭرار ھەر قەدىمىمدىن ئۇنىڭ مەرغۇلى.
ئۇ ھەم ئاياندۇر زۇۋانسىز رىيازەتلەردە
رەسۋايى زامان مېنى تەرك ئەتمە.
ئىبادەت پەيتىدە بولكى «كاپىر»، مۇڭ- زار لازىم ئەمەس،
تۆككىن قېنىڭنى
شىرىن- سۇخەن ئىزھار لازىم ئەمەس.
ئۇ ھەم ئىبادەتتىن مۇھەببەتكە كۆچكەن ئادەمدۇر،
چۆكەي گۇناھلىرىمغا، كۆيەي گۈرۈلدەپ
ئىشىق پەرۋىشكارى- شەيتان مېنى تەرك ئەتمە.
دىلىمدا تاش- چالمىلار كۈرمىڭ، گۈل- گۈلزار لازىم ئەمەس،
ئۆلۈپ تىرىلەرمەن كۈندە مىڭ رەت، دار لازىم ئەمەس.
مېنىڭ بۇ ئاھۇ- پىغانىمدىن زۇۋانغا كىرسە تاش بولدى،
يەرۇ- ئاسماننى سورۇغۇچى ئەشئار لازىم ئەمەس.
مېنىڭ بۇ غىرىبلىقىمنى ئوخشىتار بىر كىم ئۆزۈمگە،
ئوخشىسام ئۆزۈم ئوخشاي بەس، گۇناھكار لازىم ئەمەس...
ئۇ ھەم ھەقىقەتتىن جىنايەتكە ئۆتكەن ئادەمدۇر،
سۆيەرمەن، ئۇنى ئۆزۈمدە سۆيەرمەن
روھ قايىمى- ئىسيان مېنى تەرك ئەتمە!

2002- يىلى ئىيۇل. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر