باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

قۇم شەھەر

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مۇساپىر دالىدا گۈلخاندەك يانار
چۆل ناخشىسىنى بورانلار ئىيتار
ئات ئۆز ئوقۇرىغا قايتار

ئادەم تىرىسىدىن كىيدىم چاپان
كۆچتى ئىچىمگە زېمىستان
بۇ غىرىبلىقنى كىم سەزگەن...
ئۈرۈك غورا، شاپتۇل توپا، مۇساپىر ئاچ
چىۋىنلەر سەي قورىماقتا ئاشخانىدا.
چۈشتىن كىيىن قۇياش ئالدىراش، ماشىنىلار پىيادە
ئاي چېچىنى چۇۋۇۋىتىپ ماڭار تانسىخانىغا
ھېسسىيات ئەخلەتخانىسىدا گۈل تىزماقتا مۇھەببەت موماي
كۆڭۈل سۇ ئىچمەكتە يۈندە چىلىكىدىن
ئەرك ئاشىقى ھاجەتخانىدا پاتتى خىيالغا.

ھازىر ئاشىقلار شەھەرگە پالىنار
ھاقارەت كوچىلاردا يۈرەر يالىڭاچ
سەمىمىيەت نان تىلەيدۇ ئورۇق، ئاچ
يېرىلغۇچە ئۈنلەيدۇ دۇتار
ناخشا نائىلاج.
ئورۇندۇق تۆت پۇتلۇق ئايال
جىنسىي ئاجىزلىق ئېلانى-
تاغدىكى قارىغايلارنىڭ قۇرۇغانلىق بايانى.
ماشىنا ۋەقەسى-
گۈللۈك ئىشتاننىڭ لىرىكىسى.
قانىغان قان-
كارىۋات مۇزىكىسى.
ياز- ئۆلگەن ئاي
بالكون- گۈل جىنازىسى.
تام- ئاتتىن چۈشكەن ئادەم...

يىگىت كەتمەن چاپار ئېتىزدا
«ئەر» چىڭ تۈگۈلگەن پوتىسىغا.
سەھرالار نان دەپ توۋلايدۇ
مازارلار جان دەپ توۋلايدۇ
دالىلار قان دەپ توۋلايدۇ
روھ كۈلپەتسىز ھاياتقا كۆنمەيدۇ.
ئۇيات
چېقىلمىغان دېرىزىلەر
تاۋۇت كۆتۈرۈپ ماڭغان ئۆلۈكلەر
نىمە كېرەك ئېسىل كىيىملەر؟
ئىشتان سېلىشنىڭ باشلىنىشى ۋە
ئاخىرلىشىشى بىر جايغا كېلەر.
سۆزنىڭ قۇدرىتى ئيىتىلمىغاندا
ئوقنىڭ قۇدرىتى ئېتىلمىغاندا.
بىر پاي ئوق بار، پەقەت بىر پايلا
تاپانچىسىدا تەقدىرنىڭ،
ئېتىلغاندا بىر ئادەم ئۆلەر
ئېتىلمىغاندا مىڭ ئادەم...

ۋاقىت قۇمدەك چېچىلغان
ئىشلەتكۈدەك ئىمكانىيەت يوق.
ئۇزارتماقتا ئۆلۈم پەيتىنى
يۈرەكتىكى ئاشۇ بىر تال ئوق.
- دۈت، دۈت...
ماشنا قايتۇردى مېنى زامانغا؛
ئەينەك سۇنۇقلىرى ئاياللارنى يېمەكتە
ئەرلەر چۆلدە تۆگە گۆشى ساتماقتا.
بىر نەچچە شائىر قەلبىدىن چىقتى
ئەنە قۇياش ئاۋۋالقىدەكلا
شەرقتىن شەرققە پاتماقتا.
سۆيگۈدە ھالىدىن كەتكەن يىگىتلەر
ناخشىچى بوپ كەتتى كەچلىك كۇلۇپتا.
قىزلارنىڭ ئۇلارغا قويغان تەلىۋى
يەتمىدى تىخىچە تىخىچە ساقال- بۇرۇتقا.

2002- يىل. ماي. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر