باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تاك، تاك، تاك...

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تاك، تاك، تاك مەن كەلدىم
جېنىمغىنە، جېنىم ئامرىقىم
ئەينەك سۇنۇقلىرىدىن چىرايىڭنى ئىزدەۋاتامسەن؟
ياغاچ ئوچاقتا مۇزنى قالاپ ماڭا ئۇماچ ئېتىۋاتامسنە؟
تىكەن، چارمىخلارنى كۆكسۈڭگە سانچىپ تاماكا خالىتسى كەشتىلەۋاتامسەن؟
مەن يالىڭاچ، ئۇياتچان...
يۈزۈڭگە تەبەسسۈمدىن ئارتىۋال رومال
كىرپىكىڭنى قېقىپ ئولتۇر يات ئىقلىمنىڭ بورانلىرىدەك
ئېتىكىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قوي خازانلىرىڭنى
ئىشتانسىز سەمىمىيىتىڭ ئالدىدا ئۇيۇلۇپ قالىمەن.

تاك، تاك، تاك مەن كەلدىم
چىقمىساڭ ئۆگزەڭگە چالما تاشلايمەن
تۈڭلۈكۈڭگە پوتا باغلايمەن
تاملىرىڭنى تېشىۋىتىشىمدىن قورقمامسەن؟
تال چىۋىق ئېتىمنى مېنىپ كەلدىم
بىردەمدىلا قىرىپ كېتىمەن
مەيدە تۈكلىرىمدە قۇچقاچ ئۇۋۇلايدۇ
بالىلار بۇرۇتۇمغا چالما تېزىپ ئوينايدۇ
ئىشىك تۈۋىڭدە ھاسام كۆكلەپ يوغان بىر تۈپ چىنار بولىدۇ
قونۇۋىلىپ ئۇنىڭغا
سېنى قورقىتىپ قاغا قاقىلدايدۇ.

جېنىمغىنە، جېنىم ئامرىقىم
چىمەن دوپپاڭنىڭ قاقاس ئېتىزلىرىنى سۇغۇرۇۋاتامسەن؟
قىرىق كۇكۇلاڭنىڭ غايىب بولغان ئوتتۇز توققۇزىنى ئىزلەۋاتامسەن؟
قېشىڭغا ئوسما مايسىسى ئۈندۈرۈۋاتامسەن؟
تىرنىقىڭدا خېنە گۈللىرى ئېچىلدۇرۇۋاتامسەن؟
قەپەزدىكى تورغاينى قويۇۋەتتىم
كالىنى ساپاندىن چىقىرىۋەتتىم
قاقاس يەرلىرىڭگە ئاقاي دەيمەن
تاك، تاك، تاك مەن كەلدىم.

ياق، ياق، ئىشىكنى ئاچما؛
سەن تىخى تۇنجى ئۇچرىشىشنىڭ ۋەھىمىسىگە چۆكۈپ ئۈلگۈرمىدىڭ
سەن تىخى ئۇچراشساقلا جەزمەن ئايرىلىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ يەتمىدىڭ
سەن تىخى قاندىن قورقىدىغان ياكى قورقمايدىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن
سەن تىخى ئاچ
سەن تىخى يالىڭاچ
سەن تىخى ئىشك ئاچماسلىقنىڭ سۆيگۈدىكى بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى بىلمەيسەن

تاك، تاك، تاك...

2001- يىل نويابىر. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر