باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئەرنىڭ ئىپپىتى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كۈلسە لەۋلىرىدە گۈللەر ئېچىلار
يىغلىسا كۆزلىرىدىن ئۈنچە چېچىلار
ماڭسا ئايىغىدىن تىللا تۆكۈلەر
نەدىسەن مېنىڭ گۈزەل مەلىكەم؟

خوتەن دەشتىدە مەن پىيادە
ھاسام ئۇپرىدى قۇياش كۆزىدە،
ئولتۇرۇپ ئەڭ ئىگىز بىنانىڭ پەلەمىيىىدە
تاكسىدىن چۈشۈۋاتقان، ئىشتان كىيمىگەن
قىزلار ئىچىدە
سىنى بارمىكىن دەپ قاراپ قالىمەن.

قاتتىق ھاقارەتتىن يۈزلىرى چىم- چىم
ئانا گۆشى ساتماقتا بىركىم.
سەن تىخى قاندىن قورقىدىغانلىقىڭنى بىلمەيىتتىڭ،
دەرەخ شېخىدىكى ھېجرانكار كاككۇك
مېنىڭ ساڭا چاڭقاشلرىمنى چۈشىنەر بەلكىم.

سەن بىلمەيسەن بۇ يەردە
ئۇرتوقماق ئەسەبىيلىشىپ ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى
ئېچىل داستىخان ئېچىلىۋىرىپ قۇرۇتىۋەتتى ئېتىزدىكى ئاخىرقى داننى
ساڭقاڭ ئېشىكىم ئوغرىلاندى، تەڭگىلەرنىڭ شاراقلاشلىرىدىن
كېلەر ئۇنىڭ تاياق ئازابىدا ھاڭرىغان ئۈنى.

چۈشۈپ ئاسماندىن ياغاچ ئاتقا مىنگەن شاھزادە
سېتىۋەتتى ئاچلىقتىن ئېتىنى ئوتۇن بازىرىدا.
پادىچى تازنىڭ مەلىكىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب ئىزدەپ
تۇرغىنىنى كۆردۈم كىتابخانىدا.

فەرھاد ئون يىل تەشتى بىستون ئەمەس شىرىن تېغىنى
غىرىب پالاندى چۆلگە ئەمەس سەنەمنىڭ مۈشكۈل مۇھەببىتىگە
تاھىر ئاقتى دەريادا ئەمەس زۆھرەنىڭ تارام- تارام كۆز ياشلىرىدا
چۈشەنمەيدۇ بۇنى مەڭگۈ ئاشىقتىن ئۆزگە...

سەن نەدە،
قەدىمدىنمۇ يىراق بىر يەردە
دەرەخ كاۋىكىدا مېنى ساقلاپ تۇرامسەن؟
ئاسمان
دېڭىز
تاغ
تۇغۇلامدۇ ئۈچ ئوغلۇم قايتا
ئۇلانى سەن تۇغۇپ بېرەمسەن؟!
...
مەن ئورۇق، ئاچ
مەن ساڭا خۇمار
ئەرلەر ئىپپىتىنى يوقاتقىلى بولدى يۈز يىللار.
رادىئو جىنسىي كېسەل توغرىلىق بەرمەكتە ئېلان،
ئەرلەرنى چۈچۈتكىنى ئېلان ئەمەس
قەرز سۈيلەۋاتقان تەلۋە ئاياللار.

ۋەتەن
ئەرنىڭ ئىپپىتى.
ۋەتەن
ئەرلەرنىڭ ياتلاشقان ئىتىقاتىدا
سۇسلاشقان ئىمانىدا
داتلاشقان پىچىقىدا
چاڭقاپ ياتقان بىر سىقىم تۇپراق
قانغا، ۋىجدانغا.

قورقۇپ كەتتىم
ئۈمىدىسزلىكنىڭ يۈرىكىمنى لەختە- لەختە قىلىپ ئۇھسىنىشىدىن
ئايال كۆز يېشىنىڭ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈشىدىن
ئىشتان بېغىغا قول ئۇزاتقاندا
پۈتمەس قەرزلەرنىڭ ئەسەبلىرىمنى بوشىتىشىدىن...

ئاھ، مېنىڭ مەلىكەم،
كۈلمەي
يىغلىماي
ماڭماي
مېنى ساقلاپ تۇرامسەن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىردە؟!

2000- يىل ئاپرىل. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر