باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تارىم

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

1
دەھشەتلىك دولقۇنغا تىكىلگەن قىرغاق
گوياكى ۋىسالغا زارققان قىزچاق.
كېلىدۇ سەھەردە ئاتلىق قاراقچى،
يېنىدا شەمشىرى، قولىدا پىچاق.

دەريا تاشىدۇ ئەنسىز چىرقىراپ،
كۆك ئاسمان ئاقىدۇ يەرگە تامچىلاپ.
قاراقچى قىزچاقنى كېتىدۇ بۇلاپ
چۆل ئاھ، چۆل- ۋەتەننىڭ روھىغا قاراپ.

چۆلدە توغراق ۋە ئاپئاق ئۇستىخان،
ئاشىق، ئوتۇنچى، تۇزچى ۋە خاقان...
تۇغ بولۇپ لەپىلدەر تۆكۈلگەن قانلار،
قىرىق كۈن توي بولار، قىرىق تۈن ئىسيان!

2
- بىر ياۋاش كالىدەك ساپانغا قاتقان
خامانچى ئاتلاردەك زەرنجىرلەپ چاتقان...
قەيەرگە ماڭدىڭسەن خىيالدىن ئېزىپ،
مەنزىلىڭ قاياندا، نىشانىڭ قايان؟

كەلدى تارىمدىن كۈتمىگەن سادا:
ئوقلار دۇتار چالار جاننىڭ ئىچىدە،
خارلىق ئۇسسۇل ئوينار قاننىڭ ئىچىدە
ئاچلىق ناخشا توۋلار ناننىڭ ئىچىدە.

قۇشقا نە كېرەك ئاسماندىن بۆلەك؟
ئاشىققا نە كېرەك ھېجراندىن بۆلەك؟
جەننەت قىلىچنىڭ ئاستىدا، دەرلەر
تائەتكە نە كېرەك ئىسياندىن بۆلەك؟

بولدى كۆپ زامانلار دولقۇنۇم شىھىد،
ماڭدىم تىرىلگىلى تەكلىماكانغا.
ھەر كىم جان بەرسۇن ياكى جان ئالسۇن
يەتكىلى ئۆزىدىكى جانغا، جانانغا!

3
كىم ئۇ تارىمنى قۇرۇپتۇ دېگەن،
تارىم قۇرۇمايدىغان تەكلىماكاندۇر.
كىم ئۇ ئىتىقادنى ئۆلۈپتۇ دېگەن،
ئىتىقاد ئۆلمدىن يۈكسەلگەن جاندۇر.

قۇم دەرياسىغا سالدىم كىمەمنى،
كىم ئۇ غەرق قىلالماس بورانلار دېگەن؟
تۇلپارنىڭ كىشنىشىگە سالماستىن قۇلاق،
كىم ئۇ ئۇيقۇدا بارخانلار دېگەن؟!

2000- يىلى ئاپرىل. خوتەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر