باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سۆيگۈ ھالاكىتى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

2014.12.24 09:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بۇ كەچمۇ كىردىممەن تۆت تام ئىچىگە
ئەڭ ياۋاش مەھبۇستەك كۆتۈرمەي چۇقان.
ھەسرەتلىك كۆز يېشىم يازدى مەڭزىمگە
مۇھەببەت توغرىلىق قايغۇلۇق داستان.

ھېس قىلدىم شەھەرنىڭ ھەقىقىتىنى
تېنىمسىز ئاققان شۇ رېئاللىق ئارا.
بىر رەڭۋاز چىنلىقنى ياراتماقتىدۇر
ھوقۇق، پۇل، تاكسى ۋە سەتەڭ ئاياللار.

شاد كۈلكە، ناۋالار ياڭرايدۇ، لىكىن
ئېچىلسا قەلىبنىڭ يارىسى ئەگەر،
قان- ژىرىڭ ئىچىدە قالىدۇ لەيلەپ
بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلىنىپ تەنلەر.

سۆيگۈنىڭ بۇ قەدەر ھالاكىتىگە
چىدايدۇ ئۆرتىنىپ باغرى چاك ئىنسان.
چىدايدۇ يەر شارى، چىدايدۇ ھەممە،
چىدىماس ۋەلىكىن شائىر ھىچقاچان!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر