قۇياش يالغان ياكى قار يالغان
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
2014.12.24 09:14 مەنبە: خەلق تورى
قۇياش كۈلۈپ تۇرار ئاسماندا
قار ياغماقتا لەپىلدەپ.
باغاشلىغان پېتى ئاپتاپنى
مۇزلاپ قالدى بىر تەنھا دەرەخ.
تۈۋىدە ئۇنىڭ
پاناھلىنىپ تۇردۇم مەن تەنھا
(يا ئۇ مەندەك تەنھا بىر بالا)
پىچىرلاپ ئۈنسىز:
قۇياش يالغان ياكى قار يالغان!
1996- يىلى يانۋار. خوتەن
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر