باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۆمەرجان سىدىقنىڭ ياتىقى

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دىغاردىكى④ چاققان بىنادا
تۆمۈر دەرۋازىلىق سەينادا
ئۆمەرجان سىدىقنىڭ ياتىقى تۇرار.
يوللىرىدا، يان-يانلىرىدا
ئاق قوغۇندەك چېھرى، ئاتىقى تۇرار.
قەلىمىدە پىلسىراتتىن ئۆتۈۋاتقان ئەر
بۇندا قۇملۇقتىنمۇ تېپىپتۇ گۆھەر
تۇرپاندا ئۆمۈرلۈك تاتلىقى تۇرار...

كارۋاتنىڭ يېنىدا نە قۇتا، كىتاب!
ئاڭا ھەمراھ بولۇپ ئۇخلىشىپ بېرەر.
ئىنتېرنىتتا بېرىپ نەمۇ-نەگە ئۇ
قوي كۆزلەر تېرەنىنى ئەيلەپ قونالغۇ
ياشلىقى يۇرت قارنىنى توقلىشىپ بېرەر.
بۇندا دەشت ئاتا، ئۇندا كروران
يۇلغۇن يېلىمى، ئاپتاپ ۋە شورتاڭ
ئۈگە-ئۈگەسىگە نىقتاپ شاھلىقنى
جېنىغا سەلتەنەتنى يوقلىشىپ بېرەر...

خوتۇنى بار بويتاق مىسكىن سەن
پېشانەڭگە خەتلەر يېزىلمىش.
قولۇڭ-قولۇم سىقىلغاندا تېز
ئاقتى يۈرەكتىن يۈرەككە كارىز
باقساڭ باراڭلىقتۇر ھەممە ئەتراپ-تۈز
ئاخىرقى ئۇيقىدىن ئۇۋىلىدى كۆز
تەكلەر ساقلاپ ساڭا قىشىچە يېمىش...

چۆل كۆڭلۈمدە بۇلاق، قايتتىم دىغاردىن،
جىلمايدى بىر باھار دىلدا راداردىن.
قارىدىم كەينىمگە لۈكچۈندىن ئۆتۈپ
يۈز يىللىق سېپىل-تام بىر خەتنى تۈرتۈپ
چىقىپ كەلدى ئوردا، غەزەل، ساتاردىن...

ئىزچىلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ
ماڭدىم لوپ كۆلىگە ئۆردەكنى ئويلاپ...
سۇنۇپ ماڭا كۆڭۈل بىر مىدىق
دىغاردا قالدى ئۆمەرجان سىدىق
چىقىپ ئويى غاردىن يۇلغۇننى سويلاپ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر