باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئابدۇبەسىرنىڭ ئاتىسى

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بېشىدا سەللە، ئويىدا تەشۋىش
ئاپپاق ساقىلدا مىڭ يىللىق كەچمىش
داستىخىنىدا يۈرەك رەڭ كىشمىش
ئابدۇبەسىرنىڭ ئاتىسى.
ئانا مەھەللىنى تىرىگىنىچە
ئېزىزانە غەمدە ئېرىگىنىچە
تەۋەررۈك كۆزىدەك نۇر ئۇۋىلىغان
ئوڭ قولىدا كالتە ھاسىسى.

ئوغلىنىڭ كىتابىنى ۋاراقلىسا ھەر
تۇيۇق مەدرىسى② ئېسىدىن كېچەر.
كەنت-كەنتلەرگە سىزىلغان چېگرا
قىيامەت سۇقۇنغان جەننەتۇل سەھرا
شۈكۈر③ ئاتىنى كاپ ئەتكەن غوۋغا
يېتىملىك چۆچىكىدىكى بىر سەرگەردان ئەر...

سەكسەن ئىككىدە بۈگۈنكى يېشى،
يىگىرمە سەككىزدە قىشلىغان بېشى.
ئۇ تارىخ گۆش، قاندىن پۈتۈلگەن
ئاخىرقى تىلشۇناسنىڭ بىرى ئۇ بەلكىم
ئۆتمۈشنى ئوقۇشتا قەدرى ئۆتۈلگەن
بىلەر نەدە قىسسە قۇيرۇقى، قېشى...
دۇنيادا نېمە گەپ، نە ئاسان، نە تەس،
گېزىت، تېلېۋىزور ئاڭا يات ئەمەس،
تونۇمىغان مۇشۇ كەمگىچە
دورىسىنى دوختۇرنىڭ ھۆددەس...
ئاغزىدا ئېرسىيەت، ئاغزىدا ھېكمەت
سۆزىدە ھەقىقەت، كۆزىدە تىلخەت
تاپار تەبىر ئۇندىن يۇرتنىڭ ئىچ-تېشى...

خوشلاشتىم، ئويۇمدا شۇنداق ئاتىلار،
ئاختۇرۇپ جۈملىسىنىڭ ئاياغ ھەرپىنى
ئىزىمغا ئىزلىرى مىختەك قادىلار...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر