باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تۇرپاندىن پىچانغىچە

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئىككى ئەتراپ ئىدىقۇت تېغى،
باغرىدا ئەسنەيدۇ تەكلىك بېغى.
يۇرتنى يۇرتقا چاتار بىر قارا ئارقان،
مېنى تارتىپ پىچانلىق، پىچان،
بارىمەن بېلىمدە كۆنچى بەلبېغى.

تاغلار توپا، ئارىسىدا تاش،
قەبرىلەردە بىر ھېكمەت ھاپاش.
بېقىپ بوز توپىغا تۇرغان توزۇتۇپ
دېدىم كېتەر ھەركىم توپا ئاۋۇتۇپ
مەيلى سەن قانچىلىك ئاسمانغا تاقاش...

ئاچ بىر خەلقتەك ئېرىقلار چاك-چاك،
ئېتىزدا، مەھەللىدە، كوچىدا.
موميادۇر شىلدىر-شىلدىر سۇنىڭ ناخشىسى
سانسىكىرت يېزىقىدەك مىڭ يىل بۇرۇنقى
بۈگۈنكىلەر ئوقۇيالمايدىغان
پېچەتلەگلىك پولات قۇتىدا.
تەقدىرداش ئېرىقلار ئېرىقىم بىلەن
ئوخشاپ كېتەر بىراۋ سۆزلەۋېتىپلا
يېرىمىغا كېلىپ توساتتىن
كۆتۈرۈلگەن سۆزدەك يادىدىن
تۇرسىمۇ تىلىنىڭ ئۇچىدا.
قۇدۇق دۈگدىيىدۇ ئۇ يەر، بۇ يەردە
چىقتىكىن يەر تېگىدىن قايسى پۇتىدا؟...

تەكلىماكاننىڭ ئۆتمۈشى خىرە
باقماقتا يۈرەكتاغدىن بىرە-بىرە...
باراڭدەك كۆرۈنگەندە بۇ ئويمانلىق
ئۆرىدەپ يۈرىكىمدە باراقسانلىق
تەك بولۇپ ياماشتىم سالغانچە گىرە...
ھايات بىر زىخ كاۋاب قاقاستا پىشقان
بۇندىكى ھەر تۇرپانلىق چوغ، تۇز ۋە زىرە!...
شۇڭا تاتلىقلىقتا ئۈزۈكچىلىك يوق
قالماس مەردانىلىق بۇندا ھېچ ئاچ-توق
تونۇماس ئەگرىلىكنى شەيتىنى بىزە،
ياشىيالمىغان خۇيىدا ھىيلە...

توپا تاغ باغرىدا قاق بولغان تۈزلەڭ ــ
سۇسىز ھايات بىلەن ئېلىشقان لەھەڭ!
ئۇزارغان ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچىدا
قورغان ياساۋېتىپتۇ ئەجداد-ئەۋلادقا
قۇدۇق-كارىز ئارىسىدا جەڭ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر