- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خوجانىياز ھاجىنىڭ كۆۋرۈكى
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران
2014.10.28 15:39 مەنبە: خەلق تورى
داۋانچىڭدا ــ ئارتبالىقتا
ياتىدۇ بىر كۆۋرۈك يارتىسى
ئۈزۈلگەن جەسەتتەك بېلىنىڭ ئۈستى.
دەيدۇ تۇيغۇڭ ئاڭا قاراپلا:
ئۇ توقسۇندىكى ياغاچنىڭ پۇشتى...
ئاستىدا سۇ ئاقار ئاۋۋالقىدىن ئاز
لېكىن سۈزۈكلۈكى ساپ دىلغا ئەنداز
خوجا نىيازدەك سېزىپ ئۆزۈڭنى
ئۆتۈۋاتقاچ بەرسەڭ كۆزۈڭنى
كىرەر قارىقىڭغا كۆۋرۈك شۇ ھامان
قەدىم بىر كىتابتەك خېتى يۆل بولغان
شۇ سەۋەب مەزمۇنى يۈتكەن-نۆل بولغان...
بۇندىن سەكسەن يىللار مۇقەددەم
ھەقنى كۆزلەپ ئاۋام دەمبەدەم
ئاشقان ئارتبالىقتىن كەلكۈندەك.
تارىم ئۆركەشلىگەن شەپىسىدىن
چىقىپ ھوش-كاللىسى ھەپسىدىن
بولغان چىرايى بىر رەت كۈلگۈنچەك...
خوجانىياز ھاجىنىڭ كۆۋرۈكى
ئالەمنى كۆتۈرەر كۆتۈرگەن يۈكى...
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر