باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئارغۇ بۇلاق

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كۈمۈشنىڭ ئۇ تەرىپى ئارغۇ بۇلاق
توقسۇننى تالىشىپ توسۇپ تۇرىدۇ.
تاقىر تاغ شۇم پەلەكتەك كۆزگە سانجىلىپ
يۇمران ئوي تاشلىقلاردا رەت-رەت يانجىلىپ
ھېچنېمىسى يوق تەنھا كۆڭلۈمگە
تاقىر تۇيغۇلارنى قۇسۇپ تۇرىدۇ.
ھايات ــ ئېتىزلىقتۇر باشاق-باشاق
ئۆلۈم تاغىرىغا ئۇسسۇپ تۇرىدۇ...

ئارغۇ بۇلاق، ئەي ئارغۇ بۇلاق،
كارۋاننى يېتىلىگەن بۇلىقىڭ قېنى؟
جىرادا بىرە-بىرە كەلكۈننىڭ ئىزى
نەدە ئۇ سۇ كەچكەن بوۋامنىڭ تىزى؟
بىر گەپ دەي شىۋىرلاپ، قۇلىقىڭ قېنى؟
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا
سەكرىگەندە تاشتىن يىقىلدىڭمىكىن،
يىلتىزىڭدىن قۇمۇرۇلغانچە
غايەت چوڭ قاپاققا تىقىلدىڭمىكىن...
تېڭىپ قوياي، سۇنۇقىڭ قېنى؟...

يولۇڭ قىسمەتتەك ئەگرى، سوزۇلغاق،
تاغلىرىڭ بەختسىزلىكتەك يېقىمسىز، قۇرغاق،
نېچۈن ئوڭشىمايدۇ بېشىڭنى تەڭرى؟
سىرلىرىڭ ئىچىڭدە سىقىلغان بەلكى
ياۋدىن ئامانىتىڭ تىقىلغان بەلكى
قېقىرنىڭ چېچەكلىگەن باغرىڭدا ئەمرى...
ئەنە بىر شەھەرنى ئوينايدۇ كەلكۈن
ئەنە بىر ئايماقنى قار يىدى پۈتۈن
تەڭرىدە قارلار كەڭرى، يامغۇرلار كەڭرى...

تەزكىرىلەردىن قوپتى ۋەقەلەر
ئېرتىپ قويدى يېشىمنى جىم-جىم.
ئۆتكەن بۇندىن نى مەرد، نى نامەرد،
بىر پېيىدا غەنىيمەت، بىر پېيىدا دەرد،
تارىخ بىلەر قايسى قىش، قاي ياز
بەستىڭگە كۈن، تۈننى چاچقانلىرى كىم؟

يولۇڭنى باسقانچە باستى مېنى ئوي،
ئويۇم بىر پادىچى، مەن بىر پادا قوي...
كۆرۈندۈڭ يۇرتۇمغا يىغىلغان ياغدەك
ئويلىرىم ئېگىزلىدى سەندىكى تاغدەك
مەن پىياز ئىلكىڭدە، قات-قېتىمنى سوي...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر