باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

مۇسىبەت ھىدى

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كۈن چىقماستا تاغدا يوتقاندىن،
مۇسىبەت ھىدى كەلدى پىچاندىن.
ۋاژ-ۋاژ دۇكىنىدا ياشامنىڭ
ھېساب يېپىلدى، دېمەك، بىر جاندىن.
قىسمەت پەرىشتىگە پىرىسلاپ بىر ھاڭ
غەمداشلار سېپىنى قىلغانچە ۋاشاڭ
ئۆچۈردى بىر ئالتۇن چەشنى خاماندىن...

ئۆلۈم قۇلىقىمدا لۆمشىدى بىر پەس
ئەللىك يېشىمغا يېيىلدى ئالبۇم.
تۈزلەپ ئىدىقۇتتا يانغان تۈتۈننى
سۈرۈپ تەۋەررۈككە ساقىغان كۈننى
كەلدى كىم ئارتۇق قىلىپلا ئالغۇم...

قاتتىق كۈن يوق ئۆلۈمدىن...
بوۋامنىڭ ئەقلىنى مالتىلاپ تۇرۇپ
چۆچۈدۈم يىراقتىكى شۇ كۈن-كۆرۈمدىن.
ئەزرائىل كۆرۈنگەندە يىراقتا ئەلەس
پۇتۇم بوسۇغىدا قىشلىدى بىر پەس
ئاختۇرۇپ بىر ھەقىقەتنى ئۆزۈمدىن.
دوستۇڭ شۇتاپ سېنى بىر كۆرسە
بولار ئالغان كەبى ياشامدىن بۆسە
تۇيغۇڭغا ياساۋەرمەي باھاردىن قاشا
دېدىم دوست دەردىگىمۇ چۆمۈلۈپ ياشا...

باشئەگىم تۇتقۇزدى بىر قۇچاق دۇئا
ماڭدىم ئىدىقۇتقا ياشقا پۇتلىشىپ
كۆڭلۈمدە كۈۋەجەپ ئاتەش بىر ئۇۋا

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر