باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كومراجىۋا

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

زەپەر دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا
تۇرغان چېغىم تارىخنى ساقلاپ
ئۇ ئۆزىنى، بىردە مېنى ۋاراقلاپ
مىڭ يىل ئاۋۋالقى قامۇسقا ئاقتى.
كۈلۈپ بۇددا ئۇندا قاقاھلاپ
مىڭ ئۆينىڭ يېنىدا ھەيكەلدە چاقناپ
كومراجىۋا خۇش كۈلۈپ باقتى.
تۆكۈلدى كاساياسىدىن تەرجىمىھالى
بىردە پەخىرگە كۆمسە دىلىمنى
بىردە لەززىتىمگە پېشىنى قاقتى...

مىلادى 383–يىلى
قىلىچلىق خىيال
كەلدى كۈسەنگە لياڭجۇ تەرەپتىن①
يەتمىش مىڭ چېرىكنى شاشلاپ.
كىرىپ كەتتى ئۆگەن دەرياسىغا
بۇندىكى ئېرىق-ئۆستەڭ قان-ياشنى باشلاپ...
ئۆلدى سۇلتان، كۈل بولدى ئەل-يۇرت،
كومراجىۋانى ئېلىپ قايتتى چېرىكلەر
قۇرۇقدالغان ئەلى بابا غارىدەك
قالدى كۈسەن خارابىنى ھاپاشلاپ...

تارىخ تۇنجى كۆرگەندۇر بەلكىم
ئالىمنى تالىشىپ جەڭ بولغىنىنى.
بىر ئالىمنىڭ ۋەجىدىن پەقەت
بىر سۇلالىنىڭ نۆلگە تەڭ بولغىنىنى...

قىزارتتىڭ بىر سۇلالىنىڭ كۆزىنى،
يورۇتتۇڭ كۈسەن، كۈسەنلىكنىڭ يۈزىنى...

① لياڭجۇ ـ جىن سۇلالىسى (265 ــ 420) نىڭ پايتەختى، ھازىرقى ۋۇۋېيغا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر