باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كۈسەندىن كۇچاغا

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


1
كۆزەتچىگە كۆزەتچىدۇر تۇر،
بۆرە مايىقىدىن ئىسلار يانىدۇ،
ياۋ ھامىلىدار بەلكىم ئۆلۈمگە.
تىغلار دەھشىتىدىن بىسلار يانىدۇ،
قانلار «ئۇھ...» دېيىشەر سۈلھى-پۈتۈمدە.

بىراۋ تالىشىدۇ ئۆزگىدىن رىزىق،
بىلمەس ئەمما دەل ئاشۇ كەمدە
جېنىنى ئەزرائىلنىڭ تالاشقىنىنى.
ئوت ياقار ئۆزگىنىڭ بەختىگە، بىراق
كۆرۈپ تۇرار بىر ياندا تارىخ،
يىلتىزىغا كۈلنىڭ سالاشقىنىنى①...

شەيتان شاھلىق تامان چاپچىتىپ تۇرار،
شۆھرەت جىلۋە قىلسا قوشناڭدا پىل-پىل.
بىر جىڭ گۆشكە تويسىمۇ قورساق،
دەيسەن: قويۇم بولسا تۈمەن مىڭ ئېغىل...

چىراغ يېنىپ كەلگەن گاھ قىزىل، سېرىق،
مازارغا يانداشقا تۆت كوچا ئارا.
ئەمما ئىشلىمەس كۆز، ئىشلىمەس تورمۇز،
شۇڭا قىسمەت يارا، ھەقىقەت يارا.

قەدىمىي شەھەرنى ئارخېئولوگ بولۇپ
بايقايسەن سەلتەنەتتەك ئۆرۈلگەن تامدىن.
بىراۋنىڭ بېشىدا قۇرغان بەدەشقان
تىلەمچىدەك مارلار سۇنۇق بىر جامدىن...

ئادەملەرنى دىر-دىر تىترەتكەنلەرنىڭ
قەلەملەردە دىر-دىر تىترەيدۇ ئېتى.
ئۇ چاغ كۆزى پەرمان، قوشۇمىسى ھەم،
ئەمدى ئۇ ئالدىڭدا توزۇيدۇ پۇر-پۇر
دوقۇرۇپ بىر سىقىم خەس-توپا پېتى...
2
قوڭغۇراققا ئۇلاپ تۇرار جان،
تاغ باغرىدا قوشنا ساڭراملار.
قۇچاقلاشقان ھايات، ئېتىقات،
بۇتقا تەختتۇر ھەر ئۆيدە راملار.

تەكچىلەردە دۆۋە-دۆۋە نوم،
دۇنيا پوستى قات-قات سويۇلغان.
كۈن چىقىشتىن، كۈن پېتىشتىن ھەم
ئىلىم ئىستەپ كەلگەن راھىبلار
ئويىغا كۈسەننىڭ ئىشقى ئويۇلغان.
دەريادۇر توخرىلار يۇرتى بەھەيۋەت،
تارام-تاراملار كېلىپ قۇيۇلغان...

نېمە ئۇ يىمەكنىڭ غەملىرى دېگەن؟
رىزىق ئون سەككىز مىڭ ئالەمدەك كەڭرى.
بىرلا مىللەتلىك مەملىكەت كەبى
ناخشىلاردا شادلىقلا ياشار،
بەرگەن كۈلكىلەرنى بۇ ئەلگە تەڭرى...

شەيتان سىزالمىغان ھېچ بىر خەرىتە
پاختا تەلىم ئالار بۇندا ھەر كىمدىن
ئاپپاقلىقتا، يۇمشاقلىقتا ھەم.
سىلىقلىققا ۋەتەن ھەر تەندە كۆز، سۆز،
ھايات قىشلاپ كەلگەن ئەلمىساقتىنلا
جېدەل ئىشىكىگە سالغىنىچە دەم...
3
ئالتۇن قۇرلار تامسا ئېسىڭگە،
بەختىڭنى ئۆتمۈشكە چاتقۇڭ كېلىدۇ...
بېكىتىگە كەچمىشنىڭ ئاشۇ،
ئۆزۈڭنى قېقىنۇستەك ئاتقۇڭ كېلىدۇ.
بوۋاڭنىڭ كۆلىنى قۇرۇتقىنىڭغا
روھلار ئالدىدا ئۇياتقۇڭ كېلىدۇ.

ئەتراپقا باقىسەن: يېشىللىق، قاقاس...
كەچمىشىڭ قارىغۇ، گاچا ھەمدە گاس...
كۆڭلۈڭ پۇتلىشىدۇ يېرىمچىلىققا.
ساۋاقلار سولايدۇ سېنى خەتلەرگە،
نېمەڭدۇر بوينىنى قىسار خەقلەرگە،
يۈرىكىڭ توغرامچىدۇر گاھىدا زىخقا.
يۈرگىنىڭدە ئۆزۈڭدە لەيلەپ،
تىرەنىڭدىن بۇلدۇقلاپ بىر گەپ
كۆزلىرىڭگە كىرەر دىۋەيلەپ:
سەندىن چىققان ھەننىۋا نەرسەڭ،
ئامەت چېچەكلەمتى ئاپەتنى تەرسەڭ،
باق، ساڭا كىرىپ چىقىپ يۈرگەن تارىخقا.
مىخى تۇرۇپ مىخ قاقمىغان ئەر
بىر كۈنلىرى ئۈسسۈيدۇ مىخقا...

① سالىشىش ــ چاپلىشىش، ئەگىشىش.

2013-يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، كورلا

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر