باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﻗﻮﻣﯘش ﻧﻪﻳﭽﻪﻣﻨﻰ ﭼﺎﻟﺴﺎم

پەرھات ئىلياس

2014.07.30 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﻗﻮﻣﯘش ﻧﻪﻳﭽﻪﻣﻨﻰ ﭼﺎﻟﺴﺎم
ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪۇ زﯦﻤﯩﻦ  ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ.
ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺪۇ زۇﻣﺮەت ﺑﯘلاﻗلار،
ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻪر ﻗﯩﺮلاردا ﺷﯩﯟاق،
ﺋﯩﯖﻪﻟﻪﻳﺪۇ ﺑﯚﺷﯜﻛﺘﻪ ﺗﺎﻏلار.

ﻗﻮﻣﯘش ﻧﻪﻳﭽﻪﻣﻨﻰ ﭼﺎﻟﺴﺎم،
ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺗﺎڭ ﻧﯘرﻟﯩﺮى ﭼﯧﭽﯩلار ﺗﺎل ‐ ﺗﺎل.
ﻳﯜﮔﯜرۈپ ﻛﯧﺘﻪر ﺋﺎﮬﯘ ﻛﯩﻴﯩﻜﻠﻪر،
ﻗﺎﻧﺎت ﻗﺎﻗﺎر ﺋﺎﭘﺌﺎق ﺗﯘرﻧﯩلار،
ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﺎر ﺷﻮخ ﻳﯩﮕﯩﺖ ‐ ﻗﯩﺰلار.

ﻗﻮﻣﯘش ﻧﻪﻳﭽﻪﻣﻨﻰ ﭼﺎﻟﺴﺎم،
ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺋﯧﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎر ﺋﯩﻠﻰ دەرﻳﺎﺳﻰ.
ﺳﯘ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﻪر ﺋﺎﻳﺘﯧﻜﯩﻦ،
ﺋﻮﻳﻐﺎ ﭘﺎﺗﺎر ﻛﯚك ﻳﺎﻳلا ﺗﺎرﯨﺦ،
ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺪۇ ﻛﯩﺸﻨﻪﺷﻠﯩﺮى ﺗﯘﻟﭙﺎرلارﻧﯩﯔ.

ﻗﻮﻣﯘش ﻧﻪﻳﭽﻪﻣﻨﻰ ﭼﺎﻟﺴﺎم،
ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺋﯜﻧﯜپ ﭼﯩﻘﺎر ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻧﺎﺧﺸﯩلار.
ﻗﻮﺷﺎق ﻳﺎدلار ﻳﺎﭘﺮاﻗﺘﺎ ﺧﺎﻧﻘﯩﺰ،
ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯧﺮەر ﻗﯩﺮلاردا ﻣﻮﻣﺎي،
ۋﯨﻠﯩﻘلاﻳﺪۇ ﺑﻮدرۇق ﻣﯘﻗﺎﻣلار.

ﻗﻮﻣﯘش ﻧﻪﻳﭽﻪﻣﻨﻰ ﭼﺎﻟﺴﺎم،
ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪۇ ﻛﯚك،
ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪۇ ﻛﯜن،
ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪۇ ﺋﺎي...
ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪۇ دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ.

1988 - ﻳﯩﻞ 15 ‐ ﻓﯧﯟرال

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر