باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﻏﯧﺮﯨﺐ ﺋﯘۋا ﺋﻮﻳلاﻳﺪۇ ﺷﯘﻧﺪاق

پەرھات ئىلياس

2014.07.30 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﺷﺎﺧلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﻗﻪدﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯘۋا.

ﺋﯘ ﺋﻮﻳلاﻳﺪۇ:
ﻳﺎﭘﻴﯧﺸﯩﻞ ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎﻗلار ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﻗﻮﻳﻨﯘم ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﭼﯘﻣﻐﺎ ﺗﻮﻟﺴﺎ،
ﻣﻪن ﻣﻮﻣﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎم،
ﻧﻪۋرﯨﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯘلار
ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﺪا ﭼﯘرۇﻗلاپ ﺗﯘرﺳﺎ.

ﻏﯧﺮﯨﺐ ﺋﯘۋا ﺋﻮﻳلاﻳﺪۇ ﺷﯘﻧﺪاق:
ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺴﺎ،
دۇﻧﻴﺎ ﺗﺎﻣﺎم ﻗﯘﺷلارﻏﺎ ﺗﻮﻟﺴﺎ،
ﻣﻪن ﻣﻮﻣﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎم،
ﭼﯚﭼﻪك ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪرﺳﻪم ﺋﯘلارﻏﺎ.
ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﻗﺎﻧﺎت ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ
ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﭼﺴﺎ...

ﺋﯘ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﻳلاﻳﺪۇ ﺷﯘﻧﺪاق.

ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎﻗلار ﺗﯚﻛﯜﻟﺪى ﺗﺎلاي،
ﻗﯘﺷلار ﻛﻪﻟﺪى، ﻛﻪﺗﺘﻰ ﮬﻪم ﺗﺎلاي،
ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﯩﺪى ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻤﯘ.
ﺑﯩﺮاق...
ﮬﺎﻣﺎن ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ...
ﻏﯧﺮﯨﺐ ﺋﯘۋا ﺋﻮﻳلاﻳﺪۇ ﺷﯘﻧﺪاق.


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر