باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﺋﯘچ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ، ئۇچ

پەرھات ئىلياس

2014.07.30 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﺋﯘچ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ، ﺋﺎﻳلاﻧﻐﯩﻦ ﻗﯘﺷﻘﺎ،
ﺋﯘﭼﯘپ ﺑﺎرﻏﯩﻦ ﮔﯜزەل ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ.

ﻳﻪر - ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﭼﻮﻏﺪەك ﻗﯩﺰارﺗﯩﭗ
ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎڭ ﺋﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.
ﺑﻮﺧﭽﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺋﯩﻨﻰ - ﺳﯩﯖﯩﻠلار
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.

ﺋﯘچ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ، ﺋﺎﻳلاﻧﻐﯩﻦ ﻗﯘﺷﻘﺎ،
ﺋﯘﭼﯘپ ﺑﺎرﻏﯩﻦ ﺋﯩﻠﻰ دەرﻳﺎﻏﺎ.

ﺷﺎۋﻗﯘﻧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯘژﻏﯘﻧلار ﭼﯧﭽﯩﭗ،
ﻣﯘﯕﻠﯘق ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﻮۋلاۋاﺗﯩﺪۇ.
ﻣﻪرت ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪر ﺳﺎدﯨﺮ ﺑﻮۋاﻣﺪەك
دوﻟﻘﯘﻧلارﻧﻰ ﺳﻮﻳلاۋاﺗﯩﺪۇ.

ﺋﯘچ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ، ﺋﺎﻳلاﻧﻐﯩﻦ ﻗﯘﺷﻘﺎ،
ﺋﯘﭼﯘپ ﺑﺎرﻏﯩﻦ ﺧﯩﻠﯟەت ﻳﯧﺰاﻣﻐﺎ.

ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺋﻪﻧﻪ
ﺗﻮﻳلار راﺳﺎ ﻗﺎﻳﻨﺎۋاﺗﯩﺪۇ.
ﺷﻮخ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮۋاي - ﻣﻮﻣﺎﻳلار
راﺳﺎ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﺎۋاﺗﯩﺪۇ.

ﺋﯘچ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ، ﺋﺎﻳلاﻧﻐﯩﻦ ﻗﯘﺷﻘﺎ،
ﺋﯘﭼﯘپ ﺑﺎرﻏﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻮﻳﻠﯩﻐﺎ.

ﻣﯘﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺷﯘ ﺋﯩﺸﭽﺎن دادام
ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺗﻪرﮔﻪ ﭼﯚﻣﯜۋاﺗﯩﺪۇ.
ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺗﺎپ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪر ﺗﯩﻜﯩﭗ
ﺋﻮرەﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚﻣﯜۋاﺗﯩﺪۇ.
ﻗﺎزان ﺑﯧﺸﯩﺪا ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﺎﭘﺎم،
ﺋﻪﻧﻪ ﻟﻪﻏﻤﻪن ﺋﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.
ﺋﻮﻏﻠﯘم ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎلارﻣﯩﻜﯩﻦ دەپ،
ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﻛﯜﺗﯜۋاﺗﯩﺪۇ.
*
ﺋﯘچ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ، ﺋﺎﻳلاﻧﻐﯩﻦ ﻗﯘﺷﻘﺎ،
ﺋﯘﭼﯘپ ﺑﺎرﻏﯩﻦ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘرﺗﯘﻣﻐﺎ.

ﺳﯚﻳﯜپ ﻗﻮﻳﻐﯩﻦ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ،
ﺳﺎلام ﺑﻪرﮔﯩﻦ ﺋﻪل - ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ،
ﮔﯩﺮە ﺳﺎﻟﻐﯩﻦ دادام ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ،
ﺋﯚزۈﯕﻨﻰ ﺋﺎت ﺋﺎﭘﺎم ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ.
1982 - ﻳﯩﻞ 12 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر