باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﺳﻪﻧﺌﻪت

2014.07.30 13:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﻛﯚز ﻳﯧﺸﻰ ﮔﯜزەﻟﺪۇ، ﮔﯜزەل ﺷﯘﻗﻪدەر،
ﺋﻪڭ ﮔﯜزەل ﺷﯧﺌﯩﺮﻣﯘ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪس ﺋﺎﯕﺎ.
ﻳﺎﺷلارﻧﯩﯔ ﺑﺎرﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮاق
ﻧﻪۋاﺋﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ ﻗﺎﻳﺘﺎ.

ﻧﯩﺪالار ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺷﯘﻧﭽﻪ،
ﺋﻪڭ ﻣﯘﯕﻠﯘق ﻧﺎﺧﺸﯩﻤﯘ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪس ﺋﺎﯕﺎ.
ﻧﯩﺪالار ﻣﻪﯕﮕﯜﮔﻪ ﻧﯩﺪادۇر ﭘﻪﻗﻪت،
ﺋﺎﻳلاﻧﻤﺎس ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎن ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺧﺸﯩﻐﺎ.

ﺗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺗﻪﻧﻠﻪردﯨﻦ ﺋﻮﻗﭽﯩﻐﺎن ﻗﺎﻧﻐﺎ
ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ ﭘﺎﺳﺎﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎ ﻣﻮﻧﻨﺎﻟﯩﺰا.
ۋە ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪن ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎﻧلارﭼﯜن
ﺑﯩﺮ ﮔﯜزەل ﻣﻪﻧﺰﯨﺮە ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ﭘﻪﻳﺪا.
1989 - ﻳﯩﻞ 3 ‐ ﻳﺎﻧﯟار

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر