باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﻣﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن

2014.07.30 13:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﻣﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن.

ﭼﯜﭼﯜك - ﭼﯜﭼﯜك ﮔﯘﯕﺮاﺷلارﻧﻰ ﻗﯘﺷلاردﯨﻦ،
ۋﯨﻠﯩﻖ - ۋﯨﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﯜﺷﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯘلاﻗﺘﯩﻦ،
ﺗﺎﻳﺘﺎڭ - ﺗﺎﻳﺘﺎڭ ﻣﯧﯖﯩﺸلارﻧﻰ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯨﻦ،
ﭘﯩﻠﺘﯩﯔ - ﭘﯩﻠﺘﯩﯔ ﻳﯜﮔﺮۈﺷﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ.

ﻣﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن.

ﻗﺎرﭼﯘﻗﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻗﺎﺷﺘﺎش ﺋﯩﺪى،
ﺳﻪﭘﻪرﻟﻪردە ﺋﯜﻛﻪر ﻳﯘﻟﺘﯘز ﺑﺎش ﺋﯩﺪى.
ﺗﻮﻣﯘرﻟﯩﺮﯨﻢ ﺗﺎرام ﺋﯩﺪى، ﺷﺎش ﺋﯩﺪى،
ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻳﺎش ﺋﯩﺪى.

ﻣﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن.

ﻏﻪزەﺑﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﮔﯜﻟﺪۈرﻣﺎﻣﯩﺪﯨﻦ،
ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺧﯘش ﻣﯩﺠﻪزﯨﻢ ﺑﺎﮬﺎردﯨﻦ،
ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرۇم ﻛﯧﭽﯩﻠﻪردﯨﻦ، ﺗﯜﻧﻠﻪردﯨﻦ،
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻢ ﺗﻮﻣﯘزلاردﯨﻦ، ﻧﺎﮬﺎردﯨﻦ.

ﻣﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن.

ﺳﻪۋﯨﺮ - ﺗﺎﻗﻪت، ﺷﯩﺠﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﭼﯚﻟﻠﻪردﯨﻦ،
ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪوﺳﺘﻠﯘق، ﺳﯧﺨﯩﻴﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﺎﻏلاردﯨﻦ.
ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻨﻰ دەرﻳﺎ - ﺋﯧﻘﯩﻦ، ﻛﯚﻟﻠﻪردﯨﻦ،
ﻛﻪڭ ﻗﻮرﺳﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻣﻪﻏﺮۇرﻟﯘﻗﻨﻰ ﺗﺎﻏلاردﯨﻦ.

ﻣﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن.

ﺋﯩﺠﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ، ﺋﯧﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯘﻟﯘﺗﺘﯩﻦ،
ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ، ﭘﺎك دﯨﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯘﭘﺮاﻗﺘﯩﻦ.
دوﺳﺖ - ﻳﺎرەﻧﮕﻪ ﺳﺎداﻗﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮرﻣﺎﻧﺪﯨﻦ،
رەﻗﯩﺒﻠﻪرﮔﻪ ﺗﯩﻎ ﺋﯘرۇﺷﻨﻰ ﭼﺎﻗﻤﺎﻗﺘﯩﻦ.

ﻣﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن.
ﺷﺎرﻗﯩﺮاﺗﻤﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﯕﺮاق ﺋﺎﮬﺎﯕﯩﻢ،
ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﻛﯧﭽﻪ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜم، ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ.
ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯚﻛﻜﻪن ﺟﯘدۇن ﮬﻪﺳﺮەت - ﺋﺎزاۋﯨﻢ،
ﺗﺎڭ ﻧﯘرﻟﯩﺮى ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻧﯩﮕﺎﮬﯩﻢ.
2008 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر