باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﺗﺎﻏلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﺎر

2014.07.30 13:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﺗﯩﻠﺴﯩﺰ دﯦﻤﻪڭ ﺗﺎﻏلارﻧﻰ،
ﺗﺎﻏلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﺎر.
ﺗﺎغ ﺗﯩﻠﯩﺪا ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪۇ
ﺑﯘﻟﺪۇق - ﺑﯘﻟﺪۇق ﺑﯘلاﻗلار.
»ﺑﯘﻟﺪۇق - ﺑﯘﻟﺪۇق« ﻧﯧﻤﻪ ﮔﻪپ؟
ﻛﯜﻟﮕﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻗﺎﮬلاپ؟
»ﺷﯩﻠﺪﯨﺮ - ﺷﯩﻠﺪﯨﺮ« دﯦﮕﻪﻧﭽﯘ؟
ﺗﺎﭘﺎلاﻣﺴﯩﺰ ﺳﻮراﻗلاپ؟

ﺗﯩﻠﺴﯩﺰ دﯦﻤﻪڭ ﺗﺎﻏلارﻧﻰ،
ﺗﺎﻏلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﺎر.
ﺗﺎغ ﺗﯩﻠﯩﺪا ﺳﺎﻳﺮاﻳﺪۇ
ﺳﯜﻧﺪۈك، ﮬﯚﭘﯜپ، ﻗﯘﺷﻘﺎﭼلار.
ﺳﯜﻧﺪۈك ﮬﻪدە، ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﯩﻦ،
ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ.
ﺗﺎغ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪي،
ﺑﻪرﮔﯩﻨﭽﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﻟﯩﻢ.

ﺗﯩﻠﺴﯩﺰ دﯦﻤﻪڭ ﺗﺎﻏلارﻧﻰ،
ﺗﺎﻏلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﺎر.
ﺗﺎغ ﺗﯩﻠﯩﺪا ﺋﻮي ﺋﻮﻳلار
ﺋﺎﭘﺌﺎق - ﺋﺎﭘﺌﺎق ﺑﯘﻟﯘﺗلار.
ﺑﯘﻟﯘت دﯦﮕﻪن ﭘﻪي ﺋﯩﻜﻪن،
ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ.
ﻣﻪن دﯦﮕﻪن ﺑﻪك ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ،
ﺗﺎغ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ.

ﺗﯩﻠﺴﯩﺰ دﯦﻤﻪڭ ﺗﺎﻏلارﻧﻰ،
ﺗﺎﻏلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﺎر.
ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﯩﻤﻰ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻰ
»ﺗﺎش ﻛﯩﺘﺎب«ﻗﺎ ﻳﯧﺰﯨلار.
ﺋﯘﻧﺪا ﻗﻮﺷﺎق ﺑﻪك ﺗﻮلا،
ﺋﯘﻧﺪا ﭼﯚﭼﻪك ﺑﻪك ﺗﻮلا،
ﺗﺎغ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﻪر
ﺋﻮﻗﯘﻳﺎلار ﭘﻪﻗﻪﺗلا.

2007 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯜﻧﻰ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر