- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ﭼﻮغ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺑﺎلا
پەرھات ئىلياس
2014.07.30 13:12 مەنبە: خەلق تورى
ﻗﺎق ﺳﻪﮬﻪردە
لاﺧﺸﯩﮕﯩﺮﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜرﮔﻪﻧﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎلا،
ﭼﻮغ ﺳﻮراپ ﻛﻪﻟﺪى ﺋﯘﭘﯘﻗﺘﯩﻦ.
ﻛﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﺧﭽﯩلاپ
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪردى ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﻰ.
ﭼﻮغ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯚﻛﺘﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ
دەرﻳﺎلارﻧﻰ،
ﭼﻮﻗﻘﯩلارﻧﻰ،
ﺋﯧﺪﯨﺮلارﻧﻰ...
ﭘﺎرﭼﯩلاپ.
ﻗﯩﺰﯨﺪى ﺗﻮﻧﯘر،
ﻳﺎﻗﺘﻰ ﺑﯘﻟﯘﺗلارﻧﻰ،
ﭘﯩﺸﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ راﺳﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ...
ﭼﻮغ ﻛﯚﻣﯜﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ؟
ﺑﯜﮔﯜن ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎق ﺳﻪﮬﻪردە
ﭼﻮغ ﺳﻮرﯨﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘ ﺷﯘ ﺑﺎلا.
ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﯩﺪا لاﺧﺸﯩﮕﯩﺮى،
ﻣﯘزﻟﯩﻐﺎن ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻮرداپ ﻗﻮﻳﯘپ
ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯧﻜﻪر ﺋﯘﭘﯘﻗﻨﯩﯔ.
ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎس ﺋﯘﭘﯘق،
ﺋﻪﮔﯩﭗ ‐ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ ﺑﺎلا.
1991 - ﻳﯩﻞ 28 ‐ ﻳﺎﻧﯟار
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر