ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ رﯨﺘﻮرﯨﻚ ﺳﻮراق
پەرھات ئىلياس
2014.07.30 13:11 مەنبە: خەلق تورى
ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ ﺗﯩﻨﭻ ﻛﯚﻟﻠﻪرﮔﻪ
ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﯩﮕﻪن ﻳﺎﯕﺮاق ﺳﺎدا دەپ؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ ﺳﻮﻏﯘق ﻣﯘزلاردا
ﻳﯧﻠﯩﻨﺠﯩﻤﺎس ﻛﯜﭼﻠﯜك لاۋا دەپ؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ زﯨﻤﯩﺴﺘﺎن ﻗﯩﺸﻨﻰ
رەﻗﯩﺒﻰ دەپ ﺋﻪرﻛﻪ ﺑﺎﮬﺎرﻧﯩﯔ؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ ﻳﺎش ﺗﯚﻛﻜﻪن ﻛﯚزدە
ﻛﯜﻟﻤﻪﻳﺪۇ دەپ ﻧﯘرى ﻧﺎﮬﺎرﻧﯩﯔ؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﺰ، ﺗﻪﻧﮭﺎ
ﻳﯩﺮاق ﻛﯚﻛﺘﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺋﯘﭼﺴﺎ ﻗﯘش؟
ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ ﺗﯩﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪۇ دەپ
ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎﻗلار ﻳﯩﻘﯩﻠﺴﺎ ﺑﯩﮭﯘش؟؟؟
1987 - ﻳﯩﻞ 24 ‐ ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر