باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

پەرھات ئىلياسنىڭ يېڭچە شېئىرلار ھەققىدىكى ئېستېتىك قاراشلىرى

«سەنئەتتە يېڭىلىق يارتىش بولمايدىكەن ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ .»①

2014.07.23 12:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىز ئۇزاقتىن بېرى سەنئەت نەزەرىيەسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىنىڭ بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ قان بىلەن گۆشتەك ئايرىلماس بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلمىدۇق. ھەتتا ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلىدۇق. شېئىرىيىتىمىزدە شېئىر يازىدىغانلار بېشىنى چۆكۈرۈپ شېئىر يازىدىغان، ئەمما نەزەرىيەگە پەرۋا قىلمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ بىللەن قىلچە ئالاقە قىلمايدىغان ھالەت ئومۇملاشتى. نەتىجىدە،شېئىرىيىتمىز نەزەرىيە نامراتلىقىغا گىرىپتار بولۇپ، ئۆزىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ھەم ئەۋزەللىكلەرنى ۋاقىتىدا بايقاش ۋە خۇلاسىلاش ئارقىلىق، ئۆزىگە ئىلغار نەزەرىيە ئاساسى تېپىپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشتىن مەھرۇم قالدى.

  ئەمىللىيەتتە نەزەرىيە سەنئەتكارلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى، ئىجادىي مۇستەققىللىقىنى ۋە خاسلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. گەپنى تۈزلا ئېيتقاندا، شائىر شېئىر يېزىشتا كامالەتكە يېتىپلا قالماي، نەزەرىيەدىمۇ كامالەتكە يەتكەن بولۇشى، يەنى سەنئەت ئېستېتىكىسىدا تويۇنغان بولوشى شەرت. چۈنكى نەزەرىيە شائىرلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت دىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى، تەرققىي قىلىشىنى، ۋايىغا يېتىشىنى ئۇسۇل، ئىدىيە، شەكىل ۋە نىشان بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

  غەرپنىڭ شائىرلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرىمىزغىلا قارايدىغان بولساقمۇ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن سەنئەت ئېستېتىكى نەزەرىيە يولىدىكى ئىزدىنىشلەرگە ۋە تەتقىقاتلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۇنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلارنى كۆپ ئۇچۇرىتىمىز. مەسىلەن، ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائى ئۆلمەس شېئىرلارنى ئىجاد ئېتىش بىلەن بىللە، شېئىرىيەت ئېستېتىكا ساھەسىدە مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئەسىرى «مەجالىسۇن نەفائىس»نى يېزىپ، ئۇنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شائىرلىقنىڭ ئۆلچىمى شېئىر يېزىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ يەنە پىشقان ئېستېتىكا نەزەرىيەچىسى بولۇشى كېرەك .

  يېڭىچە شېئىريىتىمىز نەزەرىيە ئاساسىغا ئىگە بولالماۋاتقان، يەنى شېئىرىيىتىمىزدە يېڭىلىق يارىتىلغان بولسىمۇ، بۇ يېڭىلىقنىڭ نېمە ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىر چۈشەنچە ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلمەۋاتقان پەيتتە، شۇنداقلا ئىجادىيەت ئاساسىنى ئاندا – ساندا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان قىسقا ماقالىلار ئارقىلىق دەلىللەشكە ئۇرۇنىۋاتقان مۇشۇنداق نەزەرىيە نامراتلىقىغا پاتقان پەيتتە، تالانتلىق شائىرىمىز ۋە شېئىريەت ئېستېتىكا نەزەرىيەچىمىز پەرھات ئىلياس ئۆزگىچە ئىېستېتىك قاراشلىرى بىلەن، چۆلدەرەپ قالغان شېئىرىيەت ئېستېتىكا ئاسمىنىمىزنى يۇلتۇزدەك پارلاپ، بىردىنلا يورۇتىۋەتتى. بۇ ھال ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت رېئاللىقىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش ئەلۋەتتە.

  مەن تۆۋەندە يېڭىچە شېئىرىيىتىمىزنىڭ بايراقدارى پەرھات ئىلياسنىڭ يېڭىچە شېئىرلار ھەققىدىكى ئېستېتىك قاراشلىرىنى، قەلەم قۇۋىتىمنىڭ يېتىشىچە تۈرلەرگە بۆلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

  1 . شېئىردىكى تۇتۇق تەپەككۇر قارىشى «دۇنيا ھەر نەپەستا بىر يېڭىدىن يارىلىپ تۇرىدۇ.»② (جالالىدىن رۇمى) يۇقارقى جۈملىدە دېيىلىۋاتقان يارىلىش روھىي ھادىسلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بىلىشنىڭ ۋە ئاشكارىلىنىشنىڭ تۇرغۇن نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغانلىقى ھەم ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆزگىرىدىغانلىقىغا قارىتىلغان. دېمەك، تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولمىغان روھىيىتىمىزدىكى زىدىيەتلىك، ئۆزگىرىشچان، تۇتقىلىي بولماس ھېس-تۇيغۇ ۋە مەنالارني، سىرلىق كەچمىشلەرنى قېلىپلاشقان تەپەككۇر ئۇسۇلىي بىلەن مەڭگۈ يېشىپ بېرەلمەيمىز ھەم ئاشكارىلاپ بولالمايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تەپەككۇرنىڭ يەنى بىر شەكلى بولمىش تۇتۇق تەپەككۇرغا تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  تۇتۇق تەپەككۇر دېگەن ئۇقۇمدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇ ئۆزىگە ئېنىقسىزلىقنى، مەۋھۇملۇقنى، لوگىكاسىزلىقنى شەرت قىلغان. پەرھات ئىلياس تۇتۇق تەپەككۇرنى: «تۇتۇق تەپەككۇر ئالدىنقى ئىككى خىل تەپەككۇرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزگۈچلۈك ھەم تەڭشىگۈچلۈك رولىنىي ئوينايدۇ. بۇ ئۈچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇنداق كۆرسۈتۈشكە بولىدۇ:

  ئابىستىراكىت تەپەككۇر ـــ تۇتۇق تەپەككۇر ـــ ئوبرازلىق تەپەككۇر.»③ دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

  بۇ چۈشەندۈرۈشتىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ، شېئىرىي مەنا قاپىيە ئىچىگە مەجبۇرىي چىڭداپ توشقىزىلغان ئابىستىراكت تەپەككۇر ئەمەس، شۇنداقلا ئوبرازلىق تەپەككۇرمۇ ئەمەس. ئوبرازلىق تەپەككۇر ئەمەس دېيىشىمىزدىكى سەۋەپ، ئوبراز شېئىرىي مەناغا يېتىش يولىدىكى ۋاستە ۋە ئۇسۇلدىن ئىبارەت. شېئىرىي مەنا ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن ئابىستىراكىت تەپەككۇر ئوتتۇرسىدىكى ماسلىق، چېقىلىش ئارقىلىق پەيدا بولغان غۇۋالىق، يەنى ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى بىرىكىشتىن بايقالغان ياكى يارتىلغان ماھىيەت. بۇيەردە ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن ئابىستىراكىت تەپەككۇر تۇتۇق تەپەككۇرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ۋاستىدىن ئىبارەت. مەقسەت، بۇ ئىككىسىنىڭ ماسلىقىدىن تۇتۇق تەپەككۇر يارىتىش، بۇ ئارقىلىق شېئىردىكى ئىستېتېك چىنلىققا ئېرىشىش.

  پەرھات ئىلياس يۇقارقى قاراشلىرى بىلەن باشقىلاردىن ئىلگىرلىگەن ھالدا شېئىردىكى ھەقىقى مەنانىڭ تۇتۇق تەپەككۇر پائالىيىتى ئارقىلىق پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە، شېئىرنىڭ ئۆزىنىڭمۇ تۇتۇق تەپەككۇر ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۇتۇق تىل، تۇتۇق مەنانى يارىلىش بۆشىكى قىلىدىغانلىقىنى بىزگە دەلىللەپ بېرىدۇ. بىز ئۇنىڭ تۇتۇق تەپەككۇر قارىشىني نەزەرىيە دوقمۇشىدىلا توختۇتۇپ قويماي ئۇنى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەنلىكىنىي ئۇنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرى ئارقىلىقمۇ بىلىۋالالايمىز.

  قارىچۇق

  1

  گۆر ئىچىدە

  ئولتۇرىدۇ ئاق چاچلىق موماي

  2

  چاچقان تۆشىكى ـــ

  قەسىر روجىكى

  3

  ئۈمىد بىلەن قاراپ تۇرىدۇ

  يىراق كۆكتە

  كۈلۈپ تۈرغان قۇياشقا

  4

  باھار تامچىسى

  تېمىپ كەتتى ئۇنىڭ كۆزىگە

  كۆز قارىچۇقى

  ئۈنۈپ چىقتى قەبرە ئۈستىگە ④

  يۇقارقى شېئىرنى بىز ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنساق، شېئىرىدىكى بىر رومانمۇ ئۆزىگە سىغدۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىدىغان مەنانىڭ تېگىگە يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇنى چۈشىنىشتىن مەڭگۈ مەھرۇم قالىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن «تۆمۈرنى تۆمۈرچىنىڭ، ئالتۇننى زەرگەرنىڭ سوققىنى ياخشى» دېگەن كونا ئەقىدىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى چۈشەپ قويماي، شېئىرنى پىسىخىك زامان-ماكان نۇقتىسىغا قويۇپ قەلىب لوگىكىسىنى ئاساس قىلىپ، روھىي كۆزىمىز بىلەن قارىشىمىز زۆرۈر.

  شېئىرنىڭ مەناسىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، شېئىردا چەكسىز ئىنتىزارلىققا تولغان كۈتۈش، ھاياتلىققا بولغان تەشنالىق ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان. ئاپتور شېئىردىكى مەنانى تۇتۇق تەپەككۇر ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويۇپ، شېئىرنىڭ ئېستېتىك مەنا بوشلۇقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن ھەم ئۇنىڭغا، ئۈزۈلمەي داۋام قىلىۋاتقان ھېسسىيات توقۇنۇشلىرىنى باشتىن –ئاخىر سېڭدۈرىۋەتكەن. شېئىردىكى «قارىچۇق» پۈتكۈل روھىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان ھەم تاشقى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ روھقا يەتكۈزىدىغان روھنىڭ كۆزى.«ئاقچاچلىق موماي» شەخىس روھىغا (مەن، ئۇ...) ھەم كوللىكتىپ روھىغا (بىز، ئۇلار...) ئوخشىتىلغان. بۇ يەردىكى كۆپلۈك مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر پۈتۈن تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. چۈنكى قېرىلىق مەلۇم تارىخىي كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولغاچقا، ئۇنىڭدا قەدىمىيلىكنىڭ ئىزنالىرى بار. چاشقان تۆشىكىنى رۇجەك دەپ تونىيدىغان «گۆر» موماينىڭ ۋىسال ئارمانلىرىنى، ھاياتلىق ھوقوقىنى، يارىلىش ئىستىكىگە توسقۇن بولۇۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلىگەن ماددىي (تەن، ئالەم ... ) ۋە مەنىۋى (جۇدالىق، قايغۇ، ئۆلۈم، قىسىنچىلىق...) توسۇققا ئوخشىتىلغان . موماي ھەقىقىي ھاياتقا بولغان ئىنتىزارلىقىنى تولىمۇ كىچىك بولغان گۆرنىڭ رۇجىكىدىن قاراش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. شېئىردىكى كۈتۈش ۋە ئىنتىزارلىق ئازابى شۇنداق يوقىرى چەككە يەتكەنكى، موماينىڭ يىنىش - يىنىشلاپ تار تۆشۈكتىن چەكسىز كۆككە، يىراقتىكى كۈلۈپ تۇرغان قۇياشقا قاراشلىرى كۆزىمىزگە ئىختىيارسىز ياش ئالدۇرىدۇ. شېئىردىكى «باھار تامچىسى» ئويغۇنۇشقا، قۇتۇلۇشقا، قايتا تىرىلىشكە، يەنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئەلچىگە ــ روھقا ئوخشىتىلغان. چۈنكى باھار كېلىشى بىلەن تەبىئەت ئويغۇنىدۇ ئەمەسمۇ ... شېئىرنىڭ ئاخىرىدا باھارنىڭ كېلىشى بىلەن موماي ھەقىقى ھاياتقا، ئەركىنلىككە ئېرىشىپ گۆردىن ئازاد بولىدۇ، يەنى غايىۋى ئارمانلىرىغا يېتىدۇ. ئۇ ئاخىر باھارغا سېڭىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ روھىيىتىمىزدىكى ئازاپلىق ئويلار بىردىنلا تۇماندەك تاراپ، قەلبىمىز خۇشاللىق ھېسسىياتىغا ۋە غەلىبە تەنتەنىسىگە چۆمىدۇ. مانا بۇ ھەقىقى شېئىرلاردا بولۇشقا تېگىشلىك قۇدۇرەت. بۇ شېئىرغا بۇنچە كۆپ مەزمۇننىڭ سىڭىپ كېتىشى، شېئىرنىڭ دەل تۇتۇق تەپەككۈرنى مەنبە قىلغانلىقىدا.

  پەرھات ئىلياس تۇتۇق تەپەككۇر قارىشىنى تېخىمۇ ئېنىقلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شېئىردىكى تۇتۇقلۇق ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «غۇۋالىق شېئىرىيەت ئېستېتىكىسىدا بىر خىل گۈزەللىك ھېسابلىنىدۇ، يەنى شېئىرنىڭ ئەسلىدىنلا بار بولغان خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى.»⑤ بۇ خىل قاراشقا گۈزەللىك نۇقتىسىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدىمۇ، ئۇنىڭ تولىمۇ يوللۇق ھەم ئاساسى بار نەزىرىيە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. چۈنكى، ھەرقانداق غۇۋا، سىرلىق، مەۋھۇم نەرسىلەر بىزنىڭ ئېستېتىك ئوبيېكىتىمىزغا ئايلىنىپ، روھىيىتىمىزدە ئۇنتۇلماس تەۋرىنىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا بىزنى ئۆزىگە يېتىشكە ۋە ئېرىشىشكە ھەر زامان ماگىنىتتەك ئېنتىلدۈرۈپ تورىدۇ.

  شېئىرىيەت ئېستېتىكىسىدا غۇۋالىق گۈزەللىك بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا گۈزەللىكنى بايقىغۇچى ھەم ياراتقۇچى شېئىر تۇتۇق تەپەككۇر ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۇتۇق تىل، تۇتۇق مەنانى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ گۈزەللىككە ئايلانغاندىلا ھەقىقى شېئىر بۇلالايدۇ. بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن شائىرلىرىمىز ئەنئەنىۋىي تەپەككۇرنىڭ رامكىلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، يېڭىدىن – يېڭى تۇتۇق تەپەككۇر ئويلۇنۇشلىرىنى شېئىر ئاپىرىدە قىلىدىغان بۆشۈككە ئايلاندۇرىشى كېرەك .

  2 . شېئىردىكى رىتىم قارىشى

  بىز ئۇنىڭ رىتىم توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ دەل ئىچكى رىتىم بىلەن تاشقى رىتىمنى بىرلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز. ئۇ بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكى رىتىمى بولمىغان، قۇرۇق قاپىيەلەر تىزىپ قويۇلغان شېئىرلار شېئىر ھېساپلانمايدۇ. شۇنداقلا شېئىرنى قاپىيە، تۇراق، ۋەزىنلەردىن پۈتۈنلەي ئايرىۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىككىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرىشىمىز ۋە بۇنى شېئىرىي ئىجادىيىتىمىزدە ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.» ⑥

  بۇ خىل ئىچكى رىتىم بىلەن تاشقى رىتىمنى بىرلەشتۈرۈش قارىشى ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىغا نىسبتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، بۇ ئىككىسىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى شېئىرىيىتىمىزدە ساقىلىنىۋاتقان نوقۇل قاپىيە قوغلۇشۇپ ئىچكى رىتىمغا ئىتىبار بەرمەيدىغان ئادەتكە، شۇنداقلا نوقۇل ئىچكى رىتىمنى تەكىتلەپ ھېسياتنى ھەددىدىن ئارتۇق مەيلىگە قويۇۋىتىپ، شېئىرنى تاشقى رىتىمدىن خالىي بولغان چۇۋالچاقلىققا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەنلىكىلەردىن توسىدۇ ھەم شېئىرىيىتىمىزنىڭ رىتىم ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى نەزىرىيىۋى ئاساس ۋە نىشان بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

  نۇرغۇنلىغان شېئىر ھەۋەسكارلىرىمىز ئىچىدە بەزى شائىرلىرىمىزغا «قاپىيەكەش...» دېگەندەك قوپال لەقەملەرنى قويۇپ، قاپىيەگە ھاقارەت قىلىدىغان ھەم ئۇنى مەنسىتمەيدىغان خاھىشلار مەۋجۇت. بۇ شېئىرنىڭ تاشقى رىتىمىنىڭ مۇھىم رولىنى چۈشەنمىگەنلىك. تاشقى رىتىممۇ شېئىردىكى گۈزەللىك. شۇڭا گېگىل: «شەكىل ماھىيەتنىڭ ئۆزىنى ئاشكارلىشى»⑦ دەپ شەكىلگە يوقۇرى باھا بەرگەن. ناۋادا دەريانىڭ قىرغىقى بولمىسا، ئۇنىڭ سۈيى يامراپ كېتىپ دولقۇنلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، شۇنداقلا دەريانى پۈتۈنلەي قاش – قىر بىلەن توسۇپ قويساق، ئۇنىڭ سۈيى توختامسۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ –دە، ئۇ يىراقتىكى زەڭگەر دېڭىزغا يېتىپ بارالمايدۇ. شېئىردىكى ئىچكى رېتىم بىلەن تاشقى رىتىمنىڭ مۇناسىۋىتى دەريانىڭ قىرغىقى بىلەن دەريانىڭ سۈيىگە ئوخشايدۇ. كىلاسسىك شائىرىمىز ئەلىشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ ئۆلمەس شېئىرلىرىنى قاپىيەگە قاتتىق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان. مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بودېلىرمۇ پۈتكۈل شېئىرلىرىنى قاپىيەگە ئەمەل قىلىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ دۇنياۋى شائىر بولۇشىغا قاپىيە توسقۇنلۇق قىلمىغان، ئەكسىچە قاپىيە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ سېھرىنى ئاشۇرغان. شۇڭا بىز قاپىيەدىن ئاغرىنماي، شېئىردىكى ئىچكى رىتىم بىلەن تاشقى رىتىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنمەيدىغان، ھەتتا ئۇلارنى ئايرىۋىتىدىغان بىر قىسىم دىتسىز شائىرلاردىن ئاغرىنساق بولىدۇ.

  يەنە بىر قىسىم شائىرلار نوقۇل ئىچكى رىتىمغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھېسسىياتىنى شېئىردا مەيلىگە قويۇۋىتىپ، شېئىرنى كېلەڭسىز سۆز دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، كىتابخانلارنىڭ شېئىردىن ھوزۇر ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە. بىز يوقارقىلاردەك نۇقساننى تۆگىتىشتە پەرھات ئىلياسنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان رىتىم ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىجادىيەت يولىمىزغا ئەينەك قىلساق بولىدۇ.

  3 . شېئىردىكى ئازاب قارىشى

  «تىراگېدىيە ئىنسانىيەت بەدىئىي ھاياتىنىڭ بىر تەركىۋى، تارىخ ھېلىمۇ كۈرەش ئىچىدە راۋاجلانماقتا.»⑧(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن) دېمەك، ئازاب خۇشاللىققا ئوخشاش ھاياتلىقتا بار نەرسە. ئۇنى مەيلى ئېتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى، ئۇ بەرىبىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋىرىدۇ. بىز ئازاپلىق تۇيغۇ، كەچمىشلەرنى ياكى ھادىسىلەرنى يامانلىققا، قورقۇنچلۇق ئىشلارغا باغلاپ سەلبىيلىك نۇقتىسىدىن چۈشەنسەك خاتالاشقان بولىمىز. ئەمەلىيەتتە: «قۇرقۇنچلۇق نەرسىلەرگە بولغان سۆيگۈ كۈچ - قۇۋەتنىڭ سىموۋۇلى.»⑨ (نېتشى) ئۇنىڭغا يۈزلۈنۈش ئۈچۈن چىدام، جاسارەت كېرەك.

  بىز كۆپلىگەن ئەسەرلىرىمىزدە كەمكۈتسىز، ھەممىگە قابىل جەڭگىۋىرانە تىپلارنى يارىتىپ ئۇلارغا ئىلاھىيلىق تامغىسىنى ئۇردۇق. بىزنىڭ رېئالىزمنى ئاساسىي تۇتقا قىلىپ يازغان كىتابلىرىمىزدىكى شەخىسلەر راستىنلا رېئاللىقتىمۇ خۇددى بىز تەسۋىرلىگەندەك ھەممىگە قابىلمۇ؟! بىز سەللا غەمكىنلىك ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەرنى رەت قىلىپ، ھەتتا ئۇنداق ئەسەرلەرگە ئىنسان تەبئىتىگە زىت قاراشلارغا تولغان مىڭىمىزنى ئىشقا سېلىپ « يىغا-زار» ئەدەبىياتى دېگەن كۈلكۈلىك ناملارنى بەردۇق. ناۋادا ئەدەبىياتتا بىز دېگەندەك «يىغا-زار» ئەدەبىياتى ياكى ئېقىمى مەۋجۇت بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم ئۇنىڭغا قارشى ھالدا «كۈلكە – شادلىق» ئەدەبىياتىمۇ بولۇشى شەرت. بۇنداق بولمايدىكەن، بۇ خىل قارىشىمىز رېئالىزىمنىڭ روھىغا ھەتتا ماركىزىملىق دېئالىكتىكىنىڭ قانۇنىيىتىگە زىت بولۇپ قالىدۇ.

  پەرھات ئىلياس ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر كۈزۈتۈش نەزەرى بىلەن شېئىردىكى جەڭگىۋارلىق ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئادەتتە شېئىرنىڭ جەڭگىۋەرلىقىنى تەكىتلەيمىز، لېكىن جەڭگىۋارلىق دېگەن ئۇقۇمنى توغرا چۈشۈنۈش كېرەك. چۈنكى، جەڭگىۋارلىق كىشىلەر قەلبىنىڭ يۇشۇرۇن قاتلاملىرىدىن ئېتلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىخ ئۇرۇش، ئۆسۈش ۋە بالاغەتكە يېتىش باسقۇچلىرى بولىدۇ. بۇ باسقۇچلارنىڭ ھەر بىر قەدەملىرىگە كىشىلەر روھىي دۇنياسىنىڭ مۇرەككەپلىكى يوشۇرۇنغان. بىز ئادەتتە بۇ مۇرەككەپلىكنى ئادىيلاشتۇرۇپ ئازاب ۋە خوشاللىقتىن ئىبارەت ئىككى كاتوگورىيىگە بۆلۈمىز. ئىككى تەرەپ بىرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان قارىمۇ-قارشىلىق . قارىمۇ- قارشىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىرلىك.»⑩يۇقۇرقىلاردىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى، جەڭگىۋارلىق ئىنسان روھىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان ھەم ئۆزىگە مۇرەككەپلىكنى يوشۇرغان روھىي ئىپادە بولغان ئىكەن، ئۇ خۇشاللىقنى، ئازابنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ھالەت، يەنى خۇشاللىق ۋە ئازاب ئۇنىڭدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. گاھىدا بىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشسە، گاھىدا يەنە بىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئۈزۈلمەي بىر بىرىگە ئايلىنىپ تۇرىدۇ.

  پەرھات ئىلياس شېئىردىكى جەڭگىۋارلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئارقىلىق بىزگە، روھىي ھادىسلەرنىڭ جەۋھىرى بولغان شېئىرنىڭ، روھىيمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى خۇشاللىق ۋە ئازاب پەيدا قىلغان مۈرەككەپ سۈركۈلۈش، پارتىلاش، بىرىكىشكە كەڭ زېمىن بېرىپ ھەم ئۇنى ئىپادىلىگەن چاغدىلا قەلبىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل كۈيلەرنى ياڭرىتالايدىغانلىقى، ئەڭ ئېسىل ھاياتلىق ھەقىقەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ شېئىردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىدىن ئىپارەت ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ ...

  ئۇ، ئازابنىڭ ئېستېتىك قىممىتى توغرىسىدا: «ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئازابلىق كۆرۈنۈشلەرگە ھامان يۈكسەك ئالىيجانابلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ»⑾ دېيىش ئارقىلىق ئازابنىڭمۇ ئالىيجانابلىق ۋە ياخشىلىققا ئوخشاش گۈزەللىكنىڭ بىر تەركىۋى ئىكەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىللە شېئىرىيىتىمىزدە غەمكىنلىكنىڭ بولۇشىنىڭ، يەنى ئۇنىڭغا ئورۇن بېرىلىشنىڭ شېئىرىيىتىمىزنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى تەكىتلەيدۇ ھەم ئۇ بىزنى بۇ ئارقىلىق ئازابنى سەلبىيلىك دەپ قارايدىغان كونا قاراشتىن قۇتۇلۇپ، شېئىرىي ئىجادىيىتىدە ئازابتىن خۇشاللىق ۋە گۈزەللىك تاپالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد ئېتىشكە ئۈندەيدۇ. بۇ خىل ئىلغار قاراش شېئىرىيىتىمىزنى شەكىلۋازلىقتىن ۋە شۇئارۋازلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۇنىڭغا مەنا ئىھتىماللىقىنىڭ چەكسىز دالاسىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

  بىز پەرھات ئىلياسنىڭ ئازاپنىڭ ئىستېتېكىلىق قىممىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، باشقا ئەللەر ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن سەنئەتكارلارنىڭ ئازابلىق كۆرۈنۈشلەر، غەمكىنلىككە تولغان ھېسسىيات توقۇنۇشلارنى ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەش ئارقىلىق ئاجايىب بەدىئىي يۈكسەكلىك ياراتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. مەسىلەن:

  چوپان ناخشىسى

  رائۇل زۇرىتا(چىلى)

  ئەركىن نۇر تەرجىمىسى

  بىر پارچە جەزىرىدۇر ۋەتىنىم چىلى

  كۆچكەن تۈزلەڭلىك،قۇرغان دەريا

  قاغجىراق تاشتىنمۇ بەتەر

  كوچىلاردا ماڭغىنى

  ئادەم ئەمەس، ئىبلىستۇر بىلسەڭ

  مىغىلداپ يۈرۈشكەن گويا.

  قوللىرىڭنى سۇنساڭ ئېھ، ماڭا

  تاشلار كۆرۈپ قالسا ئەگەردە

  ئېرىپ كېتەر تامام شۇ ئەسنا.⑿

  يېتىلگەن شائىرىمىز ۋە غوللۇق ئەدەبى تەرجىمانىمىز ئەركىن نۇر يۇقىرى سەۋىيىدە تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنغان بۇ شېئىردا ئازابلا بار، خۇشاللىق يوق. شائىر شېئىرىدا چوپاننىڭ ھېسسىياتى بىلەن تەبئەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ۋەتىنى چىلىنىڭ، شۇنداقلا ئۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىسمىتىگە ئېچىنىپ چەكسىز قايغۇلۇق ئويلارغا پاتىدۇ . شائىرنىڭ شېئىردىكى ئازاب ئىچىگە يوشۇرۇنغان ۋەتىنىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى، يەنى شائىرنىڭ ۋەتىنىگە بولغان قىزغىن ھېسياتىنىڭ شېئىردىكى غەمكىنلىككە تولغان تۇيغۇ ئىچىدىكى تۇتۇق مەنالاردا شېئىرنى تېخىمۇ جەڭگىۋارانە روھقا ئىگە قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، بىز كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزگە قارايدىغان بولساقمۇ، ئازاپ ۋە غەمكىنلىكنى ئىپادىلەش ئارقىلىق زور ئېستېتىك قىممەت ياراتقان نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يولۇقتۇرىمىز. مەسىلەن، «بۇلبۇل گويا» داستانىنى ئېلىپ ئېيتساق، داستاندىكى كەنجى شاھزادە بارسا كەلمەس يولنى تاللاپ، سانسىزلىغان ئازاپقا دۇچار بولۇپ، ئاخىر مۇرادىغا يېتىدۇ. يەنى خۇشاللىقا ئېرىشىدۇ. ناۋادا داستاندا كەنجى شاھزادىنىڭ ئەگرى ـ توقايلىققا تولغان ھەسرەتلىك كەچمىشلىرى بولمىغان بولسا، بۇ داستان بىزنى قىلچىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلالمىغان بۇلاتتى. شۇڭلاشقا پەرھات ئىلياسنىڭ شېئىردىكى ئازاب ھەققىدىكى ئېستېتىك قاراشلىرى بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان تەخىرسىز تېمىلارنىڭ بىر بولۇپلا قالماي، ئۇ، بىزنىڭ ئېچىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان ھازىرقى شېئىريىتىمىزدىكى بىپايان بوشلۇق.

  4. ئىدراك بىلەن ھېسسىياتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى

  سەنئەت دۇنياسىدا ئىدراك بىلەن ھېسسىياتنىڭ قايسىسىنىڭ بىرلەمچى ئىكەنلىكى، قايسىسىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تالاش ـ تارتىشلار، مۇنازىرىلەر قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئەقىلنىڭ سىموۋلى بولغان قۇياش ئىلاھي بىلەن ھېسسىياتنىڭ سىموۋۇلى بولغان شاراب ئىلاھي ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش قايسى دەرىجىگە بېرىپ يېتىشتىن قەتتئىي نەزەر، بىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە سەنئەت ئەنئەنىمىز ئىدراك بىلەن ھېسسىياتنى ئايرىپ تاشلىمىغان. ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرلىكى ۋە تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ كەلگەن.

  بىز پەرھات ئىلياسنىڭ شېئىردىكى ئىدراك بىلەن ھېسسىياتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ نوقۇل ئىدراكىي ھۆكۈملەرنى قاپىيەلەشتۈرۈپ شېئىر يېزىشنى تەكىتلەيدىغان شېئىرىيەت قاراشلىرىدىن ھەم نوقۇل ھېس ـ تۇيغۇنى ئاساس قىلىپ «ساپ شېئىر»، «ساپ تۇيغۇ» قوغلىشىپ، شېئىردىن ئىدراكنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەكىتلەيدىغان شېئىرىيەت قاراشلىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، يەنى ئۇلاردىن تۈپتىن پەرىقلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالىمىز. ئۇنى بىز ئۇنىڭ تۈۋەندىكى بايانلىرىدىن بىلەلەيمىز:«ئەلىشىر نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ كۆرۈدىغان بولساق، تىل جەھەتتىكى چېقىلىش، ھېسسىيات ـ تۇيغۇلىرىنىڭ قاتلاملاشتۇرۇلىشى جەھەتتە ھەتتا ھازىرقى بەزى دۇنياۋىي شائىرلارنىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن تورىدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، «ئوغۇزنامە» بىلەن قەدىمقى شېئىرلىرىمىز تەڭرىگە، يەنى روھىيەت يۈكسەكلىكىگە يېقىن. ئۇلاردا مەلۇم بىر ئىدىيىۋى مەزمۇنغا يېتىش مەقسىتىدە ھېسسىلىق چۈشەپ قويۇلمىغان. كۈچلۇك ئەقىل- پاراسەتمۇ بار، قايناق ھېسسىياتمۇ بار. ئەقىل ـ پاراسەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلىي تەبىيىتىنى، تۇيغۇنىڭ قاراڭغۇلىقىنى يورۇتىشقا سەرىپ قىلىنغان. شۇڭا، بىزدە ئەمەلىي ئاساس، يەنى بىر خىل مەڭگۈلۈك شېئىرىيەت ئەنئەنىسى بار.»⒀

  پەرھات ئىلياس دەۋاتقان «مەڭگۈلۈك شېئىرىيەت ئەنئەنىسى» ئەجداتلىرىمىزنىڭ سەنئەت ئەنئەنىسىدە بولغان ئىدراك بىلەن ھېس ـ تۇيغۇنى بىرلەشتۈرگەن خاسلىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بۇ خاسلىقنى بىز ئەجداتلىرىمىز ئەقىل ـ پاراسىتى بىلەن ھېس - تۇيغۇلىرىنى يۇغۇرۇپ ئىجاد ئەتكەن «ئوغۇزنامە» داستانىدىكى ئوغۇزخاننىڭ خاراكتىرىدىن ئېنىق بىلەلەيمىز. ئوغۇزخاندا قاراڭغۇ ئورمانلارغا كىرىپ يىرتقۇچلارنى ئوۋلىيالايدىغان تەۋەككۈلچىلىك ۋە قاراملىق روھىمۇ بار، «دەرەق قىزى» ... قاتارلىقلارغا بولغان چەكسىز سۆيگۈ ـ مۇھەببەت يەنى قايناق ھېسياتمۇ بار، شۇنداقلا ھاكىمىيەت تۇتالايدىغان، ئۇرۇش قىلالايدىغان ھەتتا دۇنيانى بويسۇندۇرئالايدىغان ئەقىل ـ پاراسەتمۇ بار.

  يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكى، پەرھات ئىلياس ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىدراك بىلەن ئەقىلگە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان سەنئەت ئەنئەنىسىنى ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت ئېستېتىكا ئاساسى قىلىپ، ئۆزىنى ئىلغار نەزەرىيەلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ سەنئەتتىكى ئۆزلۈك ئىزدىنىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان...

  5. شېئىر تىلى ھەققىدىكى قاراشلىرىئالدىنقى ئەسىردىكى غەرب ئەدەبىيات - سەنئەت دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق، تىلشۇناسلىقنىڭ ئەڭ قىززىق تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارنىڭ كۆپلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ پەيتتە غەرب ئىستېتىكىچىلىرى ۋە پەيلاسوپلىرى تىل ھەققىدە نۇرغۇنلىغان يېڭى قارشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، «بارلىق مەۋجۇدات تىل ئىچىدىلا مەۋجۇتلۇققا ۋە بىرلىككە ئىگە بولالايدۇ.» (ھايدىگېر) ، «بىز تىلغا ئەمەس تىل بىزگە سۆزلەيدۇ.» (ھايدىگېر)، «شېئىرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى تىل، شۇڭا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى تىلنىڭ ماھىيىتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش كېرەك.» (ھايدىگېر)، «بىزنىڭ تارىخىمىزنى شەكىللەندۈرىدىغان كۈچ دەل تىل.» (مىشىل فوك)، «چۈشىنىش تىل ئىچىدە.» (جاتمۇر)، «تەنقىت دىققەت كۈچىنى تىل بىلەن تىل ئوتتۇرىسىدىكى ھەرىكەتكە قارىتىشى كېرەك.» (رونسۇم) ... ۋاھاكازالار. يۇقارقى قاراشلاردىن غەربلىكلەرنىڭ تىل ھەققىدە نەقەدەر كەڭ ئىزدەنگەنلىكىنى بىلىۋىلىش قىيىن ئەمەس .

  تىلنىڭ شېئىردىكى تەڭداشسىز رولىنى ئاللىبۇرۇن چۈشىنىپ بولغان پەرھات ئىلياس جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق شېئىرنىڭ تىلى ھەققىدە ئۆزگىچە ئېستېتىك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ .

  1. شېئىر تىلىنىڭ سوبيېكتىپ ئىختىيارلىقىشائىرىمىز شېئىر تىلى بىلەن قېلىپلاشقان تىلنىڭ تۈپتىن پەرىقلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەرقىنىڭ دەل ئىستىمال جەھەتتە كۆرۈلىدىغانلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ شېئىرىي تىلنىڭ ئىچكى ئىستىمالغا بەكرەك ئىتىبار بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن قېلىپلاشقان تىلنىڭ تاشقى ئىستمالغا بەكرەك ئىتىبار بېرىدىغانلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىللە ئۇ: «شېئىر تىلىنىڭ لىرىكىلىق ھېسسىياتنى، يەنى شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى مۈرەككەپلىكنى ئىپادىلەشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىدىغان، كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدىغان قۇرۇلما. شۇڭا ئۇنىڭدا سوبېيىكتىپ ئىختىيارلىق كۈچلۈك بولىدۇ».دەيدۇ ⒁بۇنىڭدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، شېئىرىي تىل شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەشنى نىشان قىلىدۇ. چۈنكى تىل ماددىي دۇنياغا ئەمەس، بەلكى شائىرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان ئىچكى مەۋجۇتلۇقىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا لوگىكىلىق قانۇنىيەت بولمايدۇ. ئەمىلىيەتتىمۇ سوبيېكتىپ خاھىش قانۇنىيەتكە بوي سۇنمايدۇ ھەتتا ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

  نۇرغۇن كىشىلىرىمىز يېڭى شېئىرلار پەيدا بولغاندا ئۇنى قارشى ئالماسلىق پوزۇتسىيەسىدە بولدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ شېئىر تىلىنىڭ شائىرنىڭ سوبيېكتىپ ئىختىيارلىقىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى، يەنى شائىرنىڭ مۈرەككەپ ئىچكى دۇنياسىنى مەنبە قىلىدىغانلىقىنى تازا بىلىپ كېتەلمىگەنلىكىدىن بولغان. ناۋادا بىز شېئىرنى قاتمال تىل دائىرىسىدە چۈشەپ قويساق، بىز تىلغا ئەركىنلىك ئاتا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ قاتمال تىلنىڭ مەھبۇسىغا ئايلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

  2. شېئىرىي تىلنىڭ ئىجادىيلىقى ھەققىدىكى قارىشى

  تىلدىكى ئىجادىيلىق دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا، كۆپىنچىمىزنىڭ كاللىسىغا كېلىدىغىنى تىلنىڭ بۇزۇلۇشى. ئەمىلىيەتتە تىلدىكى بۇزۇلۇش يېڭى شېئىرىي ئىبارىلەرنى ئىجاد قىلماي، باشقىلارنىڭكىنى قالايمىقان قوبۇل قىلىۋەرگەنلىكتىن بولىدۇ. بىز ھازىرقى ئورتاق تىلىمىزغا قارايدىغان بولساق، يات تىللارنىڭ كۆپلىكىدىن ئەپسۇسلىنىمىز. مەسىلەن: «ياڭيۇ، لابا، چەيدۇ، جوزا، پىلاستىنكا، دابازا...» قاتارلىقلار.

  شېئىرىي تىلىمىزدا ئۇزاق يىل ئىجاد قىلىش ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۈچۈن، شېئىرىي تىلىمىزدا ئىبارە تەكرارلىقى كۆپ كۆرۈلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ بىز ئەلىشىر نەۋائى دەۋرىدىكى تىل مۇھىتىنى قويۇپ تۇرۇپ، شائىرىمىز مەشرەپ دەۋرىدىكى تىل مۇھىتى بىلەن ھازىرقى تىل مۇھىتىمىزنى سېلىشتۇرساق، پەرقنىڭ چوڭلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى ھەتتا لۈغەت بولمىسا چۈشىنەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدۇق. بۇ پەرق قانداقتۇر بىزنىڭ يېڭى – يېڭى شېئىرىي ئىبارىلەرنى بەك كۆپ ئىجاد قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، ئەكسىچە كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ باي شېئىرىي تىل غەزىنىسىنى ساقلىماي، شېئىرىي تىلىمىزغا قېلىپلاشقان، سىياسىي شۇئار تۈسى قويۇق، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك تاشقى ئىستىمال تىلىنى سۆرەپ ئەكىرىپ، ئىچكى ئىستىمال تىلىنى تەرك ئەتكەنلىكىمىزدىن بولغان. پەرھات ئىلياس شېئىرىي تىلدا ئىجادچانلىق بولۇشنى تەكىتلەش ئارقىلىق قاتماللاشقان تىلنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن تەڭ «شائىر ياراتقان ئىجادىي تىلنىڭ خەلق تىلىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئاممىباپلىق ھېساپلىنىدۇ»⒂ دەيدۇ .بۇنىڭدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، شېئىرىي تىلدىكى ئىجادىيلىق خەلق تىلىنى چەتكە قاقمايدۇ، ئەكسچە ئۇنى بېيىتىپ تەرەققىيات پۈرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. دېمىسىمۇ بىز بىر سۆز مۇقىم بىر مەنانى بىلدۈرۈشى كېرەك دەيدىغان شېئىرىي ئىجادىيەت قارىشى ۋە شېئىرىيەت تەنقىتچىلىكىنىڭ زېيىنىنى ئاز تارتمىدۇق. شۇڭا شېئىرىي تىلنىڭ ئىجادىيلىق رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. شائىر شېئىر يىزىشلا ئەمەس، ئۇ ھەم ئانا تىلىمىزنى بېيىتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئالغان.

  3. شېئىرىي تىلدىكى مەنتىقىسىزلىك قارىشى

  بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلە، شېئىر تىلىنى قانداق قوللىنىش مەسىلىسى. پەرھات ئىلياس شېئىر تىلىنىڭ ھېسسىيات مەنتىقىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تىلنى قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھېسسىيات مەنتىقىسىنى ئاساس قىلىدىغان شېئىرىي تىل تىلدىكى چېقىلىش، يەنى گىراماتىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. ئۇ يارىلىشتىن ئاۋۋال شائىرنىڭ تاشقى ئىستىمال تىلىنى، يەنى ئومۇملاشقان ئادەتتىكى تىل ئىشلىتىش ئادىتىدىن قۇتۇلۇشنى شەرت قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا شائىر يېڭى مەنا ۋە يېڭى تىل چوڭقۇرلىقىغا چۆكەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق يېڭى بىر ھاياتلىق مەنزىرسىنى، يەنى بىر رېئاللىقنى بىزگە ئايان قىلىپ، خاسلىقىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.

  پەرھات ئىلياس شېئىردىكى مەنتىقىسىزلىككە مۇنداق تەبىر بېرىدۇ: «ئاتالمىش بۇ ‹مەنتىقىسىزلىك› يېڭىچە شېئىرلار بىلەن تەڭ دۇنياغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇزاق شېئىرىيەت تارىخى جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئىستىلىستىك ۋاسىتە. ئاساسلىق گەپ، بۇ ۋاسىتىدىن ئوبدان پايدىلىنىش ـ پايدىلانماسلىقتا.»⒃

  مەنتىقىسىزلىك ئستىلىستىك ۋاسىتە بولغان ئىكەن، ئاۋۋال ئويلىشىدىغىنىمىز ئۇنى قانداق قوللىنىش، قايسى ئۇسۇلدا قوللانغاندا يېڭى شېئىرىي ئىبارە ئىجاد بولىدۇ، دېگەن سۇئالارغا جاۋاپ تېپىش بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ جاۋابى شائىرلارنىڭ ماھارىتى بىلەن چوڭقۇر تەپەككۇرىدىن ئىبارەت.بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئىستىلىستىك ۋاسىتىلارغا شۇنچە باي بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئىجادىي پايدىلىنىش، ئۇنى ئېچىش روھى بىزدە كەمچىل. مەسىلەن، نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرىمىز: «خۇددى، بەجايىكى، گۇيا، مىسالى، دەك، تەك...» دېگەندەك ئېنىق ئوخشىتىشنىڭ ئوخشىتىش سۆزلىرىگە تولغان. بۇ خىل شېئىرلاردا مەنا ۋە تىل غۇۋالىقى بولمىغاچقا، يەنى ئىجادىي تېرمىنلار ئارقىلىق روھنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا چۆكۈپ ئۇنى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەچكە، بىزگە ئالاھىدە ئېستېتىك زوق بېرەلمەيدۇ. بۇ دېگەنلىك يۇقارقى ئوخشىتىش سۆزلىرىنى قوللانماڭلار دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى جانلىق قوللۇنۇش، يەنى ھېسسىيات مەنتىقىسىگە ئاساسەن قوللىنىش دېگەنلىك.

  بىز پەرھات ئىلياسنىڭ شېئىر تىلىدىكى مەنتىقىسىزلىك قارىشىنى ئاساس قىلىپ ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كۆپلىگەن يوشۇرۇن ئوخشىتىش ۋە سىموۋلغا باي سۆزلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئۇنى قوللۇنۇپ، بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى تىل ئادىتىمىزنى بۇزۇپ تاشلاپ، شېئىرىي ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتە ھېسسىيات مەنتىقىسىنى مەنبە قىلساق، ئېنىقكى شېئىرىيىتىمىز تېخىمۇ رەڭدارلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

  ماقالىنى خۇلاسىلىغاندا، پەرھات ئىلياسنىڭ يېڭىچە شېئىرلار ھەققىدىكى ئېستېتىك قاراشلىرى كۆپ قىرلىق، ئىلمىيلىكى يوقۇرى، ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق. ئۇ يېڭىچە شېئىرىيىتىمىز ھەققىدە ئۆزگىچە ئېستېتىك نەزەرىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە يەنە يېڭىچە شېئىرىيىتمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى خۇلاسىلاپ ئۇنى نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ بۇخىل روھى بىزنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىرىم ئۇنىڭ يېڭىچە شېئىرلار توغرىسىدىكى ئېستېتك قاراشلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدىكى ئېستېتىك قاراشلىرىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېزىشقا توغرا كېلىدۇ.ئاخىردا مەن پەرھات ئىلياس ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتگە نۇرانە يول، تېنىگە ساقلىق، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەپ ماقالەمگە خاتىمە بېرىمەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر